• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاپتولنىڭ ياخشى-ناچارلىقىنى نېمە بەلگىلەيدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:50 21-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    4S دۇكىنىغا بېرىپ ئاپتوموبىلىڭىزنى ئاسراش ئۈچۈن ئاپتولنى ئۆزىڭىز تاللىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئىشلەتكەن ئاپتول ئاپتوموبىلىڭىزغا چوقۇم ماس كېلىدۇ. ئەمما ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوموبىلىنى ئۆزى ئاسرايدۇ، ئۆزى ئاپتول سېتىۋالىدۇ، ياكى سىرتتىكى رېمونت زاۋۇتىغا بېرىپ ئاپتول ئالماشتۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھەممىسى ئاپتول تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. تولۇق بىرىكمە ئاپتول تاللاش كېرەكمۇ ياكى ئادەتتىكىسىنىمۇ؟ قانداق ماركىلىقنى تاللاش كېرەك؟ قانداق يېپىشقاقلىقنى تاللاش كېرەك؟ قايسى دەرىجىدىكىنى تاللاش كېرەك؟ بۇ يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن بىر قىيىن مەسىلە، بۈگۈن بىز پەقەت ئاپتول سۈپىتىنىڭ دەرىجىسى ئۈستىدە توختىلىمىز.


    ئالدى بىلەن يۇقىرىقى بىر قانچە تۈرنى قانداق تاللاشنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىمىز. ئاپتولنىڭ ماركىسى ئانچە مۇھىم ئەمەس، پەقەت ئاپتول ھەقىقىي مەھسۇلات بولسىلا، كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە چوڭ ماركىلارنىڭ بىرىنى تاللىسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇرۇن قانداق ئاپتول ئىشلىتىلگەن بولسا ھازىرمۇ شۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ ياخشى بولغان تولۇق بىرىكمە ئاپتولنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاپتولنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىگە كەلسەك، چوقۇم ئەسلى زاۋۇتتىن چىققان ۋاقىتتىكى ئاپتول بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئاسانلا بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ، بىر سانلىق مەلۇماتقا كۆپ قىسىم ئاپتوموبىل ئىگىلىرى سەل قارايدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن نۇقتىلىق سۆزلىنىدىغان ئاپتول سۈپەت دەرىجىسى. ئوخشاش ماركىدىكى ئاپتول مەيلى تولۇق بىرىكمە ئاپتول بولسۇن ياكى ئادەتتىكى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ سۈپەت دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. سۈپەت دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئاپتولنىڭ ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى، باھاسىمۇ شۇنچە قىممەت بولىدۇ.

    ئاپتولنىڭ سۈپەت دەرىجىسى ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى تۈزگەن ئاپتولنىڭ ياخشى-يامانلىقى، ئاپتولنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بىر ئۆلچەم. بېنزىن ماتورىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتولنىڭ ھەممىسى S بىلەن باشلىنىدىغان بولۇپ، SA، SB، SCدىن تارتىپ SN غىچە، Sنىڭ كەينىدىكى ھەرپلەر تەرتىپ بويىچە ئېشىپ بارىدۇ. ھەرپ قانچە كەينىدە بولسا، ئاپتول سۈپىتىنىڭ دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. SA, SB, SCلارنىڭ ھەممىسى نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى ئاپتوللار، ھازىر كۆرگىلى بولمايدۇ. ھازىر سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئاپتوللار SJ بولۇپ، 10 يىل بۇرۇنقى ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوللىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ دەرىجىدە ئىدى. SL، SM، SN دەرىجىلىرى تەرتىپ بويىچە ئۆرلەپ ماڭىدۇ، ھازىرمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ، SN نۆۋەتتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە، ھازىر كۆپ قىسىم يېڭى ئاپتوموبىللارغا زاۋۇتتىن چىققاندىلا SN دەرىجىدىكى ئاپتول ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا ھازىر SN دەرىجىسىدىكى ئاپتول ئىنتايىن كۆپ.

    ئاپتول تاللىغاندا، ئەسلى زاۋۇت ئاپتول دەرىجىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئەسلى زاۋۇت SN دەرىجىدىكى ئاپتول ئىشلەتكەن بولسا، SN دەرىجىدىكىنى تاللاش كېرەك، SJ دەرىجىدىكىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەسلى زاۋۇتنىڭ ئىشلەتكىنى SJ دەرىجىدىكى ئاپتول بولسا، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. سىرتتىكى رېمونتخانىلار ئاسراشتا ماشىنا ئىگىسىدىن پەقەت قايسى ماركىنى، تولۇق بىرىكمە ياكى ئادەتتىكى ئاپتولنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورايدۇ، سۈپەت دەرىجىسىنى ئانچە تىلغا ئېلىپ كەتمەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا قايسى دەرىجىدىكىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىش كېرەك. ئاسراش تەننەرخى ئەرزان دەپ سۈپىتى ناچار ئاپتول ئىشلەتسىڭىز ماتورغا پايدىسىز. ئۇنداقتا ئاپتوموبىلنىڭ ئەسلى زاۋۇت ئاپتول دەرىجىسىنى قانداق بىلىمىز؟ ئاسراش قوللانمىسىغا قارايمىز، ئاسراش قوللانمىسىدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي يېزىلغان بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى