• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    0-نومۇرلۇق بىمار زادى كىم؟ نېمىشقا ئۇنى تاپمىساق بولمايدۇ؟

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:47 21-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    2-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو ئاكادېمىيەسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقاتخانىسى بايانات ئېلان قىلدى:

    يېقىندا توردا تارقالغان بىرئۇچۇردا، تەتقىقاتخانىمىزنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىسى خۇاڭ يەنلىڭنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان «0-نومۇرلۇق بىمار» دېيىلدى. بىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىچە بايانات ئېلان قىلدۇق:

    ساۋاقداش خۇاڭ يەنلىڭ 2015-يىلى تەتقىقاتخانىمىزدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى، ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچىنى پارچىلىغۇچى ئېنزىمنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئانتىبىيوتىك كۆپ خىللىقى دېگەن تېمىنى تەتقىق قىلدى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن باشقا ئۆلكىدە ئىشلەپ ۋە ياشاپ كەلدى، ۋۇخەنگە قايتىپ كەلگىنى يوق، 2019-يىلىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغىنىمۇ يوق، سالامەتلىكى ياخشى.

    يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، بىر قىسىم پىتنە-ئىغۋالار تەتقىقاتخانىمىزنىڭ پەن تەتقىقاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا دەخلى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بىز قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز!


    بۇ پىتنە-ئىغۋا بىتچىت قىلىنغىنى بىلەن، سوئاللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ”0-نومۇرلۇق بىمار“ دېگەن زادى نېمە گەپ؟ ”0-نومۇرلۇق بىمار“ نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟ ”0-نومۇرلۇق بىمار“نى زادى نەدىن تاپىمىز؟


    ”0-نومۇرلۇق بىمار“ دېگەن زادى نېمە گەپ؟


    مەلۇم يۇقۇملۇق كېسەلگە تۇنجى بولۇپ گىرىپتار بولغان ۋە شۇ ۋىرۇسنى تارقىتىشقا باشلىغان ئادەم ”0-نومۇرلۇق بىمار“ دېيىلىدۇ.

    ”0-نومۇرلۇق بىمار“ ئۇنىڭ ئاممىباب نامى، يۇقۇملۇق كېسەل تەكشۈرۈشىدە، ئۇ ”تۇنجى بىمار“، ”بەلگە بىمار“ دېيىلىدۇ. ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرىدىغان بۇ تۇنجى كىشىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشى ناتايىن، شۇڭا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن تۇنجى بىمارنى ”1-نومۇرلۇق بىمار“ دەيمىز.

    ”0-نومۇرلۇق بىمار“ بىلەن ”1-نومۇرلۇق بىمار“ تەڭ ئورۇندا ئەمەس، كۆپ ھاللاردا ئوخشاش بىر ئادەممۇ ئەمەس. لېكىن يۇقۇملۇق كېسەل تەتقىقاتچىلىرى ئۇلارنىڭ تېنىدىن كۆرسەتمىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇچۇرلارنى ئىگىلەپ، كېيىنكى مۇداپىئە ۋە داۋالاش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

    ”0-نومۇرلۇق بىمار“ نېمىشقا شۇنچە مۇھىم؟


    «جۇڭگو پەن گېزىتى»نىڭ بىر خەۋىرىدە، جېجياڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى جىن يۇڭتاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەيلى ”0-نومۇرلۇق بىمار“نى ئىزدەش بولسۇن، ياكى ھازىرقى يۇقۇملۇق كېسەل ئىلىمى بويىچە تەكشۈرۈش بولسۇن، يۇقۇم مەنبەسى ۋە يۇقۇش يوللىرىنى ئەڭ تېز، ئەڭ توغرا تېپىپ چىقىپ، ئۈنۈملۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئەدەپ كېتىشىنى توسۇشقا پايدىلىق.

    «يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ”0-نومۇرلۇق بىمار“نى ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقۇم مەنبەسىنى بېكىتىپ، قايسى ھايۋان بىلەن ئۇچراشقان-ئۇچراشمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ؛ تارقىلىش يوللىرى بېكىتىپ، ھايۋان بىلەن قانداق ئۇچراشقانلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ؛ يۇقۇملۇق كېسەللىك تارىخىنى ئىگىلەپ، ۋىرۇسنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇنۇش مەزگىلىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. قان زەردابى، ۋاكسىنا قاتارلىق مۇداپىئە ۋە داۋالاش دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.


    ”0-نومۇرلۇق بىمار“نى زادى نەدىن تاپىمىز؟


    2-ئاينىڭ 17-كۈنى، ھەربىي ئاكادېمىيە ھەربىي تېبابەت تەتقىقاتخانىسى مىكرو ئورگانىزم ۋە يۇقۇملۇق كېسەل تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ساۋ ۋۇچۈن «جۇڭگو پەن گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ھازىر ”0-نومۇرلۇق بىمار“ تېپىلمىدى، شۇڭا قايتىدىن ۋۇخەن خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا قايتىپ يۇقۇم مەنبەسىنى ئىزدەش تەكلىپىنى بېرىمەن.


    2-ئاينىڭ 17-كۈنى، جۇڭگو كېسەللىك مۇداپىئە-كونترول مەركىزىنىڭ «جۇڭخۇا يۇقۇملۇق كېسەل ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئېپىدېمىئولوگىيە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ۋاقتى ۋە يۈزلىنىشى دەسلەپكى يەكۈنلەر بىلەن بىردەك، يەنى ۋۇخەن خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى ياۋايى ھايۋان سودىسى ئارقىلىق، ھازىرغىچە مەلۇم بولمىغان بىر ياۋايى ھايۋاننىڭ تېنىدىكى ۋىرۇس ئادەمگە يۇققان ۋە ئارقىدىنلا ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇش كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

    مۇتەخەسسىس ساۋ ۋۇچۈن بۇ ھەقتە مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھەرقايسى ئورۇنلارنى تەشكىللەپ ۋۇخەندىكى خۇانەن سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن سىستېمىلىق ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش كېرەك. ئاۋۋال قايسى يايمىنىڭ ۋىرۇس بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئېنىقلىۋېلىپ، ئاندىن شۇ يايمىنىڭ مال كىرگۈزۈش مەنبەسىنى، ماللىرىنىڭ قايسى ئاشخانىلارغا سېتىلغانلىقىنى، بۇ ئاشخانىلارغا كىملەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاش كېرەك. شۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلسا، ”0-نومۇرلۇق بىمار“ تېپىلىشى مۇمكىن. ئىلمىي تەتقىقات، كېسەلنى تىزگىنلەش، كىلىنىكا، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىرلىشىشى لازىم، ۋىرۇس مەنبەسىنى بىر ئورۇنغىلا تايىنىپ ئېنىقلاش بەك تەس. ۋىرۇس مەنبەسى ئېنىقلانسا گۇمانلار ئايدىڭلىشىدۇ، كەلگۈسىدە يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈنمۇ تەجرىبە توپلىنىدۇ.


    ”0-نومۇرلۇق بىمار“نى خاتا چۈشەنمەڭ


    ئەيدىزدىن ئىبولا ۋە سارسقىچە، ”0-نومۇرلۇق بىمار“ ئىزچىل خاتا چۈشىنىلىپ كەلدى.

    1984-يىلى ئامېرىكا كېسەللىك مۇداپىئە-كونترول مەركىزى ”0-نومۇرلۇق بىمار“ دېگەن ئۇقۇمنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئەينى چاغدا ئامېرىكا كېسەللىك مۇداپىئە-كونترول مەركىزى كانادالىق فىرانسۇز ئايروپىلان خادىمى گېتىن دۇگاسنى ئەيدىز كېسىلىنى ئافرىقىدىن شىمالىي ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلگەن ”0-نومۇرلۇق بىمار“ دەپ قارىغان.

    بىر مۇخبىر بۇ مىسالنى «ئەسىر يىغىسى» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن. ئاپتور بۇ كىتابتا گېتىن دۇگاسنى جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇش خاھىشى بولغاچقا، ئەيدىز ۋىرۇسىنى جورىسىگە قەستەن يۇقتۇرۇپ زىيانكەشلىك قىلغان دەپ تەسۋىرلىدى. ئارقىدىنلا گېزىتلەرنىڭ باش بېتى «ئەيدىزنى بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەر» دېگەندەك چوڭ خەتلىك ماۋزۇلار بىلەن توشۇپ كەتتى.

    يۇقۇملۇق كېسەل ئىلمىدىكى بىر ئاتالغۇ كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىسى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىنىڭ تەسىرىدە ئاھانەت بەلگىسىگە ئايلىنىپ قالدى.

    2003-يىلى سارس يۇقۇمى تارقالغاندا، شېنجېندىكى بىر ئاشخانىنىڭ ئاشپىزى، خېيۈەنلىك 36 ياشلىق ئەر خۇاڭ شىڭچۇ سارس بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى ئادەم دەپ قارالدى، ئۇنىڭدا 2002-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنىلا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.

    ئۇ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، تارقالغان خەۋەرلەرگە قاراپ ئۆزىنىڭ ”تۇنجى بىمار“ ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇ ”تۇنجى“لىق ئۇنىڭغا زور بېسىم بولدى، ئۇ تېلېفون نومۇرىنى بەش-ئالتە قېتىم ئالماشتۇردى، كوچىلارغا شەپكە كىيىپ ئۆزىنى نىقابلاپ چىقتى، ئۆزىنىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا، شۇ كۈنلەردە ئۇ ئوغرىدەك تېنەپ-تەمتىرەپ يۈردى.

    ئەمەلىيەتتە، خۇاڭ شىڭچۇ سارس بىلەن يۇقۇملانغان ”0-نومۇرلۇق بىمار“ ئەمەس، تۇنجى بىمار 2002-يىل 11-ئاينىڭ 16-كۈنىلا بايقالغان.

    ”0-نومۇرلۇق بىمار“غا ھۆكۈم قىلىش تەس، ئۇ تەتقىقاتنىڭ ئاخىرقى پەللىسى ئەمەس، ئۇ بايقالغاندىن كېيىن يېڭى ”0-نومۇرلۇق بىمار“ بايقىلىشىمۇ مۇمكىن، ئۇنى بېكىتىش جەريانى ئەمەلىيەتتە ۋىرۇسنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى قايتا تەھلىل قىلىش ۋە تونۇش جەريانىدىن ئىبارەت.

    ”0-نومۇرلۇق بىمار“نى ئىزدەش جەريانىدا ئادەم ئەمەس، ۋىرۇس نىشان قىلىنىدۇ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلغاندىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاستا-ئاستا ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.

    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/QDfcSd5fVdGiH0yuLlAR1A


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى