• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    iPhone9 كېلەر ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ: بۆرىكىڭىزنى ساتمايمۇ سېتىۋالالايسىز

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:45 21-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانساق، iPhone9 يەنى iPhone 2SEنىڭ 3-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئاساسەن ئېنىق بولۇپ بولدى. 5G تورى ئومۇملىشىشتىن بۇرۇن، ئالما تەرەپمۇ تۆۋەن باھالىق مەھسۇلات ئېلان قىلىشنى ئويلاشتى.

    iPhone9غا ئالمىنىڭ A13 تىپلىق بىرتەرەپ قىلغۇچىسى سەپلىنىدىغان بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچىسى 3GB بولىدۇ. ئېكرانى بولسا 4.7 ديۇم بولۇپ، كىچىك ئېكرانغا كىلاسسىك ئەينەك ماتېرىيال قوشۇلغان بولۇپ، ئومۇمىي لايىھەسى ئاددىي ھەم كۆركەم بولغان. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۇ لايىھە كىچىك ئېكراننى ياقتۇرغۇچىلارنى ناھايىتى خۇشال قىلىدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان كىشىلەر ئېكراننىڭ رازمېرىغا بارغانسېرى يۇقىرى تەلەپ قويىۋاتىدۇ. گەرچە جوبس ئىلگىرى 3.9 ديۇم بولسا كىشىلەرگە ئەڭ ماس كېلىدىغان يانفون رازمېرى، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئايفوننىڭ ئېكرانىنىڭ چوڭلۇقىمۇ بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ. لېكىن بىز iPhone SE، iPhone 7 ياكى iPhone 8نىڭ ياخشى بولغان سېتىلىش مىقدارىغا قارىساقلا، كىچىك ئېكراننىڭ يەنىلا بازار كۈچى بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

    iPhone 9نىڭ home كۇنۇپكىسىغا بارماق ئىزى سېنزورى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، iPhone 8نىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان. يانفونغا بولسا پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 1334×750 بولغان LCD ئېكران سەپلەنگەن، گەرچە بۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما يانفون باھاسىغا نىسبەتەن، بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. باتارېيە جەھەتتە، بۇنىڭغا 2950 مىللىئامپرلىق باتارېيە سەپلەنگەن بولۇپ، بەش ۋاتلىق تېز زەرەتلەش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ. باھاسى جەھەتتە، بۇ يانفوننىڭ 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسىنىڭ 399 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلىنىدىغانلىقى، دۆلەت ئىچىدە 2999 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بىز بۇ يانفوننىڭ باھاسى ۋە سەپلىمىسىگە قاراپلا، 5G تورىنى قوللىمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز.

    ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانساق، كورېيەدە iPhone 9نى ئالدىن سېتىش باشلىنىپ بولغان. گەرچە ئالما تەرەپ بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت ئىچىدىكى ھەۋەسكارلار ئاشكارىلانغان ئۇچۇر ساختا بولمىسىلا، بۇ يانفوننىڭ چوقۇم زور كۆلەمدە سېتىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئاندرويىد لاگېرىدىكىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى قۇلايلىقلىقتىن پايدىلىنىپ، پۈتۈنلەي چوڭ ئېكرانلىق يانفون چىقارغانلىقىنى، خۇاۋېي، شياۋمى، سامسۇڭ، ئوپپو قاتارلىقلارنىڭ بىرمۇ كىچىك ئېكرانلىق يانفونىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى