• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    نېيمار فرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ 1-ئايلىق مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:43 21-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    فرانسىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ئورگان تورى ئارقىلىق، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىنىڭ بىرازىلىيەلىك ھۇجۇمچىسى نېيمارنىڭ فرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنچى ئايلىق مۇنەۋۋەر ماھىرى بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    بىرىنچى ئايدا نېيمار پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئۈچ مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتناشقان، بۇ جەرياندا ئىپادىسى قالتىس بولۇپ، بەش توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە بىر قېتىم ياردەم پاس بەرگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە موناكو كوماندىسى بىلەن ئوينىغان 20-ئايلانما مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ مۇداپىئەچىسىنىڭ بىر «خائىن توپ» كىرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىمۇ بىرىنچى ئايدىكى ئۈچ مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە، ئىككى مەيدان غەلبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىشتەك ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن.

    نېيمارنىڭ بىرىنچى ئايدىكى مۇسابىقىلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە سانلىق مەلۇماتى تۆۋەندىكىچە:

    پارىژ سانت گېرمان 3:3 موناكو (ئىككى توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپنى «خائىن توپ»قا مەجبۇرلىغان)

    تولۇقلىما مۇسابىقە پارىژ سانت گېرمان 1:4 موناكو (بىر توپ كىرگۈزۈپ، بىر قېتىم ياردەم پاس بەرگەن)

    پارىژ سانت گېرمان 0:2 لىل (ئىككى توپ كىرگۈزگەن)


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى