• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    خۇنەن چاڭشا: 3Dلىق بېسىش تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆز ئاسراش ئەينىكى ئىشلەپچىقىرىپ، «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ياردەم بېرىش!

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 17:54 15-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىم خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىپ ياساش، تەتقىقات - قوللىنىش مەركىزىدە 3D لىق كۆپەيتىش ماشىنىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

      شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چاڭشا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات - قوللىنىش مەركىزىدە، 50تىن ئارتۇق 3Dلىق كۆپەيتىش ماشىنىسى كېچە-كۈندۈز تېبابەتتە ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكى ياساپ، ھەر كۈنى 200 يۈرۈشتىن ئارتۇق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكى ئىشلەپچىقاردى. ئىگىلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، بۇ شىركەت ئەسلىدە بار بولغان مۇكەممەل 3D لىق بېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكىنى جىددىي تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان؛ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكى چاڭشا شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەنگە ئېلىپ ئىجازەت بېرىشىدىن ئۆتكەن؛ 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 500 يۈرۈش داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكى چاڭشا ۋە خۇەيخۇاغا تارقىتىلىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ياردەم بىرىلگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۆ يۈگې فوتوسى

    2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات-قوللىنىش مەركىزىدە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكى ياسىماقتا.

    2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىم خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات-قوللىنىش مەركىزىدە 3Dلىق بېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكىنىڭ رامكىسىنى سىلىقلىماقتا.

    2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىم خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات-قوللىنىش مەركىزىدە 3Dلىق بېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكىنى تاقاپ سىنىماقتا.
    2-ئاينىڭ 11-كۈنى، خىزمەتچى خادىم خۇنەن يۈنجيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ماتېرىيال كۆپەيتىش تەتقىقات-قوللىنىش مەركىزىدە 3Dلىق بېسىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان كۆز ئاسراش ئەينىكىنىڭ رامكىسىنى ياسىماقتا.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى