• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    تۆۋەن مائاشلىقلار نېمە ئۈچۈن iPhone سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:03 15-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    نۇرغۇن كىشىلەر بەلكىم بۇ مەسىلە ئۈستىدە گاڭگىراپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، سىزمۇ ئەتراپىڭىزدىكى يۇقىرى مائاشلىقلارنىڭ ئالما ماركىلىق يانفون سېتىۋالمايدىغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلار، زاۋۇتلاردىكى ئىشچى قىزلار ۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەكسىچە ئالمىنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئابۇنتلىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، تەھرىرمۇ يۇقارقى مەسىلە ئۈستىدە تەپسىلىي ئىزدەنگەندىن كېيىن ئاخىرى جاۋابقا ئېرىشتى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان ئالما سىستېمىسىدىن باشلاي.

    ھازىر يانفونلارنىڭ سىستېمىسى ئاساسى جەھەتتىن ئىككى خىل، بىر خىلى ئاندىرويىد، يەنە بىر خىلى ios. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئالمىنى تاللىشىدىكى سەۋەب دەل سىستېما قاتمايدۇ. ئاندىرويىدنىڭ ئوخشاش دەرىجىدىكى يانفون تىپىغا سېلىشتۇرغاندا سۈرئىتى كۆپ تېز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن مۇھىم! تەھرىرمۇ شياۋمى، مېيزۇ، خۇاۋېي، OPPO ۋە باشقا يانفونلاردا تارتىلغان ئوخشاش سۈرەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئالما يانفونىدا تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ رەڭگى كىشىگە ئىنتايىن راھەت تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ، رەڭنىڭ چىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. شياۋمى يانفونىدا تارتىلغان سۈرەت ھامان ئەسلىدىكىدىن قېنىق چىقىدۇ. شۇڭا ئالمىنىڭ قارا تېخنىكىسىنى ناھايىتى قالتىس دېيىشكە بولىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئالمىنىڭ پۇلى كۆپ، ھەر يىلى پەن-تەتقىقات ئۈچۈن سەرپ قىلغان خىراجىتىلا نەچچە يۈز مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن رەقەملىك ئاپپارات ۋە تېخنىكا مەستانىلىرى ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلگەن ئىلغار پەن-تېخنىكىدىن ئالدى بىلەن بەھىر ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇمۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ئالمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئالما ۋە شياۋمى ئابۇنتلىرى ئىچىدە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلار بىر قەدەر گەۋدىلىك، خۇاۋېينىڭ ئابۇنتلىرى ئىچىدە ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى، OPPO ۋە VIVO نىڭ ئابۇنتلىرى كۆپىنچە 20-29 ياشقا مەركەزلەشكەن. iPhone يانفونىنىڭ ئاساسلىق ئىستېمالىچىلار توپى 24 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ ياشلار تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغانلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسى تەبىئىيلا بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدۇ، ئەمما كىرىمنىڭ تۆۋەن بولۇشى سېتىۋېلىش كۈچىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، دەل ئەكسىچە بولغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى يۈز ئىنتايىن مۇھىم. يۈز-ئابرۇي قارىماققا سىزنى ئېسىلزادىلەردەك كۆرسىتىدۇ، چۈنكى باشقىلارنىڭ ئالدى بىلەن كۆرىدىغىنى دەل سىزنىڭ تاشقى قىياپىتىڭىز. يانفون بىزنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكىمىز، ئەگەر نامى چىقمىغان ماركىلارنى سېتىۋالسىڭىز، باشقىلار سىزنى نامراتكەن دەپ ھېس قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئالما يانفوننىڭ قاچانلاردا پۇلدارلارنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. كۆپچىلىك مەيلى نېمە ئۈچۈن ياسالمىلىق قىلغان بولسۇن، ئالما يانفون يەنىلا كۆپ قوللىنىشچان.

    جۇڭگودا ئالما يانفونىنىڭ بازىرى دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان باشقا ماركىدىكى يانفونلاردەك ياخشى ئەمەس، ياۋروپادىمۇ شۇنداق، گەرچە ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدا ئۇنداق بولمىسىمۇ بىراق پايدا جەھەتتە يەنىلا دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلاردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، گەرچە دۆلەت ئىچىدىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى تۆتى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفون ماركىلىرى بولسىمۇ، لېكىن بەشىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئالمىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى چوڭ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى