• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    تويوتا تورمۇزنىڭ ئورنىغا ماي كىلاپانىنى خاتا دەسسەپ قېلىش مەسىلىنى ھەل قىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:14 14-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر جىددىي بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ سىستېما چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىپ، شوپۇرنىڭ تورمۇز ئورنىدا ماي كلاپانىنى خاتا دەسسىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان ئەھۋالدا سۈرئەتنى تېزلەتمەيدۇ.

    بۇ شىركەت بۇ يىل يازدىن باشلاپ ئالدى بىلەن ياپونىيەنىدىكى يېڭى ماشىنىلاردا بۇ «تېزلەكتۈچنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى» نى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى.

    بۇ سىستېما قېرىلىشىش كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ياپونىيەدە قاتناش ھادىسىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلدى، ئۇ يەردىكى شوپۇرلارنىڭ بىر قىسمى ياشانغان شوپۇرلار بولۇپ، ماي كلاپانىنى خاتا ھالدا تورمۇز ئورنىدا دەسسىۋېلىپ ۋەقە تۇغدۇرۇشى مۇمكىن.

    بىر پارچە ھۆكۈمەت دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى ياپونىيەنىدىكى تەخمىنەن %15 ئەجەللىك قاتناش ۋەقەسىنى 75 ياشتىن ئاشقان شوپۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ دوكلات ياشانغان شوپۇرلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدىن ۋاز كېچىشىگە ئىلھام بەرگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى