• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاستون مارتىن Vantage ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:03 14-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاستون مارتىن ئورگان تەرەپ Vantage ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسىنىڭ ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، يېڭى ئاپتوموبىل قاتتىق تورۇسلۇق تىپى ئاساسىدا ياسالغان، تېخىمۇ نەپس ۋە ئەركىن، 2020-يىلى ئىككىنچى پەسىلدە خېرىدارلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.


    Vantage ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسى بىلەن قاتتىق تورۇسلۇق نۇسخىسىنىڭ پەرقى تورۇسىدا بولۇپ، ئىنژېنېر بۇ ئاپتوموبىلغا «Z» قاتلىنىدىغان تورۇس قۇرۇلمىسى سەپلىگەن، ئېغىرلىقى پەقەت 60 كىلوگىراملا. 50km/hتىن ئاستا سۈرئەتتە تورۇسى پەقەت 6.8 سېكۇنتتىلا كۆتۈرۈلەلەيدۇ، يىغىلىش ۋاقتى 6.7 سېكۇنت. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ تېز سۈرئىتى يەنىلا 306km/h، قاتتىق تورۇسلۇق نۇسخىسىنىڭ 314km/hلىك سۈرئىتى بىلەن پەرقلەنمەيدۇ.


    باشقا جەھەتلەردە ئۈستى ئوچۇق نۇسخىسى قاتتىق تورۇسلۇق بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان، ئەمما بىر قاتار يېڭى چاق گەردىشى ۋە رەڭلەرنى تەمىنلەيدۇ. پۈتكۈل جەھەتتىن قارىغاندا، نىسبەتەن قىسقا ئالدى-ئارقا ئاسما، مۇسكۇل تۈسى يېتەرلىك يان قانات ھەمدە كەڭ قۇيرۇق قىسىمى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، قاتتىق تورۇسلۇق نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش ھاۋا دىنامىكا يۈرۈشلۈك زاپچىسى، ئالدى ھاۋا ئېقىمى ئۈزۈش تاختىسى، ئاستى ھاۋا ئېقىمى باشلاش ئوقۇرى ۋە ئارقا ھاۋا كېڭەيتكۈچ ھاۋا ئېقىمىنى تېز سۈرئەتتە ماشىنا تېگىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.


    ئىچكى بېزىكى قاتتىق تورۇسلۇق نۇسخىسى بىلەن بىردەك، ماشىنا ئىچى كۈچلۈك جەڭگىۋار پۇراققا ئىگە، كۆپ مىقداردىكى فىزىكىلىق كۇنۇپكا قاتارلىق لايىھەلەر نۆۋەتتە مودا بولغان ئىخچام ئۇسلۇب بىلەن ئەكسىچە. ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئورۇندۇق شامال ئۆتۈشتۈرۈش، قىزدۇرۇش ۋە خوت ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىقتىدارلار مۇستەقىل فىزىكىلىك كۇنۇپكا شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ، مېخانىكىلىق تۈسى يېتەرلىك.


    يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ مېخانىك قاتتىق زاپچىسى قاتتىق تورۇسلۇق نۇسخىسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك، 4.0T V8لىق قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 510 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 685 نيۇتون مېتىر ھەمدە سپورت، سپورت+مۇسابىقە يولى ئۈچ خىل ئەندىزىنى تەمىنلەيدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ 97km/hكە تېزلىنىش ۋاقتى 3.7 سېكۇنت.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى