• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەلى بابا قارمىقىدىكى خېما تاللا بازىرى 30 مىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:59 14-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    جۇڭگو ئاكسىيە تورى خەۋىرى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئەلى بابا قارمىقىدىكى خېما تاللا بازىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغانلىقىنى، جۈملىدىن 2020-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، 30 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ھەم باش ئىشتابنىڭ سېتىۋېلىش، تېخنىكا، تىجارەت، بازار قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ھەم بىرىنچى سەپتىكى دۇكان مۇلازىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەر يەتكۈزگۈچىلىككە جىددىي ئادەم لازىم ئىكەن.

    خېمانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چاغانلىق توردا كۆكتات سېتىۋېلىش ئېھتىياجى ئىزچىل يۇقىرىلاپ كەتكەن بولۇپ، خېمادا توردا مال زاكاز قىلىش تالىشىپ سېتىۋېلىشقا ئۆزگەرگەن، توردا مال سېتىۋالالمىغانلار «تولۇق قوراللانغان» دىن كېيىن، دۇكانغا بېرىپ سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇۋېتىپتۇ.

    خېمانىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «بۇ يىل چاغاندا توردا زاكاز قىلىدىغانلار شىددەت بىلەن كۆپىيىپ كەتتى، گەرچە خېما ئادەم كۈچىنى جىددىي تەڭشەپ، دەم ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، <ھەممە> نى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا توردىكى يۇقىرى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋېتىپتۇ. خىزمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، <سىرتقى> لەرمۇ داۋاملىق ئەسلىدىكى ئىش ئورنىغا قايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن بوش ئىش ئورنى يەنە بارلىققا كېلىدۇ».نۆۋەتتە، خېمانىڭ توشۇش كۈچى تەخمىنەن %80 ئەسلىگە كەلدى، لېكىن يەنىلا يېتىشمەيدۇ. خېمانىڭ مۆلچەرىچە، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە خېمادىكى خىزمەت ئورنىدا 10 مىڭ ئادەم كەمچىل ئىكەن. بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن دۇكان ئېچىش پىلانىنى قوشقاندا، پۈتۈن يىللىق ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج 30 مىڭ ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

    خېما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەمئىيەتتىن خادىم قوبۇل قىلىشتىكى مەقسەت تېزدىن بوش قالغان ئورۇنلارغا خادىم تولدۇرۇش، بولۇپمۇ توردا سېتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يىل خېما يەنە نەچچە يۈز دۇكان ئاچىدىكەن. «2020-يىلىدىكى باشلىنىش تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن تەسرەك بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشقان.»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى