• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كانادا تېلېگراف كارخانىسى خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىشىپ 5G تورى بەرپا قىلىدۇكانادا تېلېگراف كارخانىسى خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىشىپ 5G تورى بەرپا قىلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:56 14-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بېيجىڭ ۋاقتى 14-فېۋرال خەۋىرى، كانادا تېلېگراف تىجارەت سودىگىرى Telus باش مالىيە ئەمەلدارى دوگ فرانچ (DougFrench) پەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ شىركەت ناھايىتى تېزلا 5G تورىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ دەسلەپكى بۆلىكىگە خۇاۋېي ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىدۇ.

    فىرانچ بىر باياناتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇۋاپىق پەيتتە تورىمىزنى قوزغىتىش ئىنتايىن مۇھىم،» ھەمدە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «بۇ شىركەت داۋاملىق كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ».

    كانادا نۆۋەتتە 5G تورىنىڭ بىخەتەرلىك تەسىرىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، بۇ خۇاۋېينىڭ 5G تور ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلىشىگە رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    فىرانچ پەيشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر كانادا ھۆكۈمىتى خۇاۋېينى رەت قىلسا، ئۇنداقتا 5G تور قۇرۇلۇشىنىڭ تەننەرخى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ دېدى.

    ئۆتكەن ئايدا خەۋەر قىلىنىشىچە، Telus بىر پارچە ئىچكى خەتتە خۇاۋېي بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، «خۇاۋېي بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئاكتىپ، ئاشكارا ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى مەركەز قىلغان.» ئۇنىڭدىن باشقا كانادا ھۆكۈمىتى ئەگەر خۇاۋېينىڭ Telusنى 5G ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەشنى توسىسا، بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى