• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    نېمىشقا مېھمانخانا مۇنچىسىنىڭ ئىشىكى سۈزۈك ئەينەكتىن ياسىلىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:44 10-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھەر قېتىم كاماندىروپكىغا چىقىپ سىرتتا مېھمانخانىدا تۇرغان چاغدا، ياتاق ئىچىدىكى سۈزۈك ئەينەك مۇنچا ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدۇ.
    ئۇنداقتا كۆپچىلىك مېھمانخانىنىڭ مۇنچىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن سۈزۈك ئەينەكتىن ياسىلىدىغانلىقىغا قىزىقىپ باققانمۇ-يوق؟
    ئەمەلىيەتتە مۇنچىنى بۇنداق لايىھىلەشتە ئاساسلىقى ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئويلىشىلغان.

    كۆرۈش بوشلۇقىنى چوڭايتىدۇ
    مۇنچا تېمىغا ئەينەك تام قوللىنىلسا، ئۆي قارىماققا تېخىمۇ چوڭ كۆرۈنىدۇ. ئەينەك بۆلمە قېلىنلىقى بىر قەدەر نېپىز بولۇپ، خىش تامغا سېلىشتۇرغاندا 10 سانتىمېتىرغا يېقىن بوشلۇقنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمگە بىر قەدەر ئازادە ھەم راھەت تۇيغۇ بېرىدۇ.

    ئېنېرگىيە تېجەيدۇ
    بەزى مېھمانلار ئۇخلىغاندا مۇنچىنىڭ چىرىغىنى پۈتۈن بىر كېچە ئۆچۈرمەيدۇ. ئەگەر مېھمانخانىنىڭ مۇنچىسىنى ئەينەكتىن قىلىپ قويسا، چىراغنى ئۆچۈرمەي ئۇخلىسا مېھمانلارنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا تەبىئىيلا مېھمانلارنىڭ مۇنچىنىڭ چىرىقىنى ئۆچۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

    تازىلىق تەكشۈرۈشكە قولايلىق بولىدۇ
    مۇنچىنىڭ تېمىنى سۈزۈك ئەينەكتىن قىلغاندا، مېھمانخانىنىڭ تازىلىق خادىملىرى قەيەرنى پاكىز تازىلىمىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيدۇ، تازىلىق تەكشۈرگەن ۋاقىتتا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ.

    ئۆينىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق كۆزەتكىلى بولىدۇ
    مۇنچىنىڭ تېمىنى سۈزۈك ئەينەكتىن قىلغاندا، مېھمانلار يۇيۇنغان ۋاقىتتىمۇ ئۆيدىكى بارلىق ئەھۋاللارنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ، بۇنداق بولغاندا مېھمانلارنىڭ ناتونۇش مۇھىتتىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى