• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ۋولۋونىڭ 2019-يىللىق تىجارەت پايدىسى 10 مىلياردتىن ئاشىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:38 10-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شىمالىي ياۋروپا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسى ۋولۋونى جىلى ئاپتوموبىلچىلىقى سېتىۋالغىلىمۇ 10 يىلدىن ئاشتى، جىلى ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋولۋونى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، ۋولۋونىڭ دۇنيا بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ۋولۋو ماركىسىنىڭ پايدىسىمۇ خېلىلا ياخشىلاندى.

    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، ۋولۋو ئاپتوموبىلچىلىقى 2019-يىللىق مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى ۋولۋونىڭ تىجارەت كىرىمى 274 مىليارد 100 مىليون شىۋېتسىيە كورۇناسى (تەخمىنەن 198 مىليارد 700 مىليون يۈەن) بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشقان؛ پۈتۈن يىللىق تىجارەت پايدىسى 14 مىليارد شىۋېتسىيە كورۇناسى (تەخمىنەن 10 مىليارد 400 مىليون يۈەن) بولۇپ، 2018-يىلىدىكى 14 مىليارد 200 مىليونغا قارىغاندا %0.8 ئاشقان.

    كونكرېت بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا، جۇڭگو بازىرى يەنىلا ۋولۋونىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەككە بازىرى ئىكەن. مەيلى سېتىلىش مىقدارى بولسۇن ياكى تىجارەت كىرىمى قاتلىمىدىن بولسۇن ھەممىسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋولۋونىڭ 2019-يىلىدا جۇڭگودىكى تىجارەت كىرىمى 60 مىليارد 530 مىليون شىۋېتسىيە كورۇناسى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ئاشقان.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2019-يىلى ۋولۋونىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، شياڭگاڭ، تەيۋەن رايونلىرىدىكى ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى 161 مىڭ 436 دانىگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى سېتىلىش مىقدارى 154 مىڭ 559 دانە بولۇپ، 2018-يىلىدىكىدىن %18.7 ئاشقان، بۇ ۋولۋونىڭ تارىختىن بۇيانقى يەككە بازاردا ئەڭ يۇقىرى سېتىلىش رېكورتى يارىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئۆتكەن يىلى دۆلىتىمىز ئاپتوموبىل بازىرىدا بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان تۆۋەنلەش ھادىسىسى كۆرۈلگەن، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %5 بولغان. لېكىن ۋولۋونىڭ مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە تەتۈرچە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرالىشى ئۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى رىقابەت كۈچىنىڭ بارلىقىدىن سىرت، جىلى ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ ماركا ۋە سېتىش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

    ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادىكى باشقا بازارلاردىمۇ ۋولۋونىڭ سېتىلىش مىقدار ئىپادىسى يامان ئەمەس. ئامېرىكا بازىرىدا ۋولۋو سېتىپ چىقارغان ئاپتوموبىل 108 مىڭ 234 دانە بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشقان. بۇ 2007-يىلىدىن بۇيان ۋولۋونىڭ ئامېرىكا بارىزىدا تۇنجى قېتىم 100 مىڭلىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈشى ھېسابلىنىدۇ. 2019-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ۋولۋونىڭ يەر شارى بويىچە سېتىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 700 مىڭلىق چوڭ ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ، 705 مىڭ 400 دانە سېتىپ چىقاردى.

    بىراق باشقا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىغا ئوخشاش، ۋولۋومۇ ھازىرقى بازار مۇھىتىدا ئاز بولمىغان رىقابەتلەرگە ئۇچرىماقتا. ياۋروپا رايونلىرىدا بارغانسېرى قاتتىقلىشىپ كەتكەن گاز قويۇپ بېرىش مىقدار ئۆلچىمىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ۋولۋو ياۋروپا قىتئەسى بازىرىدا تېخىمۇ كەسكىن بولغان ئېلىكتىرلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى يۈرگۈزمەكتە.

    ئىگىلىنىشىچە، ۋولۋو بۇ يىلقى سېتىلىش مىقدارىدا توكقا چېتىلىدىغان ئارىلاشما ئېنىرگىيىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى تۆتتىن بىرگە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ھەمدە 2020-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە ۋولۋو ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر خىل ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ئالتۇن باھاسى
    • 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ئالتۇن باھاسى
    • ئالتۇن، كۈمۈش، ئاق ئالتۇنلارنىڭ باھاسى شۇ خىل مېتالىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسىنى كۆرسىتىدۇ، بانكىلاردا سېتىلىۋاتقان ئەمەلىي ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى