• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ناسا ئالەم بوشلۇقى مېھمانخانىسىنى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:36 10-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) ئالدىنقى ھەپتە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى (ISS) نىڭ بازارلىشىش پىلانىنى يولغا قويماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، خۇسۇسىي شىركەت Axiom Space بىر «بوشلۇق مېھمانخانىسى» ئاچىدىكەن ھەمدە ئۇنى بوشلۇق پونكىتىغا تۇتاشتۇرىدىكەن. بۇ ناسانىڭ ئوربىتا مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ كۆپرەك خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھەرقانداق Axiom شىركىتى تىجارەت قىلىدىغان بوشلۇق مېھمانخانىسى يەنىلا نەچچە يىل تەييارلىق قىلىشى كېرەك. مەزكۇر شىركەتنىڭ پىلانىدا 2024-يىلىنىڭ ئاخىرى تۇنجى بۆلەكنى قويۇپ بېرىپ، ئارقىدىنلا كېلەر يىلى ئىككىنچى بۆلەكنى قويۇپ بېرىدىكەن، بۇلارنىڭ بىرى تۇرالغۇ قىلىشقا، يەنە بىرى ياساشقا ئىشلىتىلىدىكەن. ئەمما بۇلاردىن بۇرۇن Axiomنىڭ ئالەم بوشلۇقى خادىملىرى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىنىڭ دائىملىق تۇرۇشلۇق كىشىلىرى بولۇپ قالىدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى مايكول سۇففېردنىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار كېلەر يىلى خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا ئۇچىدىغان راكېتا بېلىتىنى زاكاس قىلىپ قويغان.

    مايكول مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىشتىن بۇرۇن بالدۇرراق ئۇچۇپ، رېتىمغا ماسلىشىشىمىز كېرەك». ئۇنىڭدىن باشقا، دوكلاتتا دېيىلىشىچە خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى كەلگۈسىدىكى مەلۇم ۋاقىتتا سەپتىن چېكىنىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ ۋاقىت تەخمىنەن 2024-يىلىدىن 2028-يىلىغىچە بولىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە Axiom شىركىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى بۆلىكى ئايرىلىپ چىقىپ، كەلگۈسىدە داۋاملىق ئۆزىنىڭ بوشلۇق مېھمانخانىسىنى نورمال يۈرۈشتۈرىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى