• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    نوكىيا 2.3 يانفونى ئامېرىكىدا بازارغا سېلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:34 10-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    IT ئائىلىسى تورىنىڭ 9-فېۋرالدىكى خەۋىرى، 20 كۈن ساقلاش ئارقىلىق نوكىيا 2.3 يانفونى ئاخىرى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۈگۈندىن باشلاپ ئىستېمالچىلار 100 دوللارغا يەتمىگەن باھادا نوكىيا 2.3 نى سېتىۋالالايدۇ. ئەگەر ئىستىمالچىلار يانفوننى دەرھال قوزغاتماقچى بولسا، Best Buy تورى ئارقىلىق 80 ئامېرىكا دوللىرى بىلەنلا نوكىيا 2.3 يانفونىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەلۋەتتە ئىستىمالچىلارمۇ ئامازون تورىدىن 129 دوللار باھادا سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ، بۇ يانفون AT&T ۋە T-Mobile يەنە GSM قاتارلىق تېلېگراف سودىگەرلىرىنىڭ كارتىسىنى قوللايدۇ. ئۇ يەنە LTE چاستوتا بۆلىكىنىڭ 2-، 4-، 5-، 12-ۋە 66-نى قوللايدۇ.

    نوكىيا 2.3 يانفونىغا Android 10 سىستېمىسى قاچىلانغان، بۇ سانى ئانچە كۆپ بولمىغان ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى Google مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى يان تېلېفوننىڭ بىرى. HMD نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل يانفون ئۈچ يىللىق كاپالەتكە ئىگە ئىكەن، ھەر ئايدا بىخەتەر يېڭىلىنىدىكەن ۋە ئىككى يىللىق OS يېڭىلىنىشى بار ئىكەن.

    Android One يۈرۈشلۈك يانفونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نوكىيا 2.3 نىڭ ئانچە كۆزگە چېلىقىدىغان يېرى يوق، MTK نىڭ Helio A22 ئۆزىكى سەپلەنگەن، 2GB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 32GB ساقلاش بوشلۇقىغا ئىگە. سۈرەتكە ئېلىش جەھەتتە كەينى تەرەپتە 13 مىليون پىكسېل ۋە ئىككى مىليون پىكسېللىق جۈپ فوتو ئاپپارات بار، ئالدىنقى تېلېكامېراسىغا بەش مىليون پىكسېللىق ئاپپارات ئىشلىتىلگەن. باتارېيە سىغىمى 4000mAh بولۇپ، 5W لىق زەرەتلەشنى قوللايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى