• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    2019-يىلى فورد ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ پايدىسى %98 تۆۋەنلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:32 10-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فورد ئاپتوموبىلىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتتى. مەيلى يولۇچى توشۇش تىپىدىكى چاڭئەن فورت ئاپتوموبىلى بولسۇن ياكى سودىغا ئىشلىتىلىدىغان جياڭلىڭ فورت ئاپتوموبىلى بولسۇن، بازارنى تىترەتكۈدەك «ئېغىر تىپلىق» ئاپتوموبىل پەيدا بولمىغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولدى، بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا فورد ئاپتوموبىلچىلىقى جۇڭگو بازىرىدا يىلمۇ-يىل زىيان تارتماقتا.

    بىراق، جۇڭگو بازىرىدا ئىشى ئوڭۇشلۇق بولمايلا قالماستىن، فورد ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ پۈتۈن دۇنيا بازىرىدىكى بۇلتۇرقى نەتىجىسىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. 2-ئاينىڭ 4-كۈنى فورد 2019-يىلى 44-پەسىل ۋە پۈتۈن يىللىق مالىيە نەتىجىسى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

    مالىيە دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى فوردنىڭ ساپ پايدىسى 47 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2018-يىلىدىكى ئۈچ مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى %98.7 كە يەتكەن. ساپ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %100 تۆۋەنلىگەن، بۇ فورد شىركىتىدىكى ھەر بىر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنى قاتتىق خىجىل قىلدى.

    تىجارەت كىرىمى جەھەتتە، فوردنىڭ 4-پەسىللىك كىرىمى %5 ئازىيىپ، 39 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتتى، 2019-يىلى پۈتۈن يىللىق تىجارەت كىرىمى 155 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئازايدى. تىجارەت كىرىمىدىن قارىغاندا، فوردنىڭ بۇلتۇرقى نەتىجىلىرىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ پايدىسى %100كە يېقىن تۆۋەنلەيدۇ؟

    بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، فورد 2019-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىدا بىر مىليارد 672 مىليون دوللار زىيان تارتقان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تارتقان زىيان 13 ھەسسە چوڭ. فوردنىڭ شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىكى تىجارەت كىرىمى %64 ئازىيىپ، 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشكەن، بۇ ئاساسلىقى ئامېرىكا ئىشچىلار بىرلەشمىسى (UAW) ھاسىل قىلغان يېڭى توختامنىڭ تەننەرخى، رېمونتقا كاپالەتلىك قىلىش خىراجىتى ۋە قايتىدىن لايىھەلەنگەن Explorer ۋە Aviatorنى بازارغا سېلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىدىن بولغان.

    جۇڭگو بازىرى جەھەتتە، گەرچە 2019-يىلى بىر يىلدا فورد ئاپتوموبىلچىلىقى جۇڭگو بازىرىدا 717 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا فوردنىڭ خۇشال بولۇشىغا ئەرزىيدۇ، چۈنكى 2018-يىلى فورد جۇڭگودا بىر مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقان. قىسقىسى، فوردنىڭ جۇڭگودىكى كەسىپ كۆلىمى كىچىكلىمىدى، لېكىن زىيان تارتىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تارايدى، بۇ فورد ئۈچۈن ھەقىقەتەن تېپىلغۇسىز خۇش خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى