• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    تويوتا 4Runner ئاپتوموبىلىنىڭ ئالاھىدە نۇسخىسى نامايان بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:22 10-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    2020-يىللىق چىكاگو ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، تويوتا 4Runner ئاپتوموبىلىنىڭ Nightshade ئالاھىدە نۇسخىسى رەسمىي نامايان بولدى. يېڭى ئاپتوموبىل ئادەتتىكى نۇسخىسى ئاساسىدا تېخىمۇ كۆپ قارىداپ بىر تەرەپ قىلىنغان تاشقى قىياپەت زاپچاسلىرى قوللىنىلغان، پۈتكۈل گەۋدىسى تېخىمۇ سپورت تۈستە.


    تاشقى قىياپەتتە تويوتا 4Runner Nightshade ئالاھىدە نۇسخىسى ھازىرقى نۇسخىسى 4Runnerنىڭ پۈتكۈل لايىھەسىنى ساقلاپ قالغان ھەمدە قېنىق كۈلرەڭ ماشىنا سىرى ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭى ئاپتوموبىلدا يەنە تېخىمۇ كۆپ تاشقى قىياپەت زاپچىسىنى قارىدار بىر تەرەپ قىلىش قوللىنىلغان، قېنىق رەڭلىك ئالدى-ئارقا بىخەتەرلىك لىمى بېزىكى، قارا رەڭلىك ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى، قارا رەڭلىك چاق گەردىشى، قارا رەڭلىك كېرەكسىز گاز چىقىرىش ئېغىزى ھەمدە قارا رەڭلىك قۇيرۇق بەلگىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


    ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدە يېڭى ئاپتوموبىلغا 1GR-FE تىپلىق 4.0 لېتىرلىق ئۆزلىكىدىن ھاۋا شورايدىغان V6 ماتورى سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 273 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇراش مومېنتى 377 نيۇتون مېتىر. بىرلا ۋاقىتتا A-TRAC سىيرىلىشتىن ساقلىنىش كونترول ئىقتىدارى بار تۆت چاق سۆرەش سىستېمىسى ھەمدە يۇقىرى-تۆۋەن خوتلۇق قوش خوتلۇق سۈرئەت بۆلگۈچ ساندۇقى سەپلەنگەن.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى