• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ تۆمۈريولى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا كاپالەت قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 22:21 10-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى پويىزغا قاچىلىنىپ ۋۇخەنگە توشۇلماقتا.

    ۋۇخەنگە ئەۋەتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار پويىزغا قاچىلانماقتا.

      ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجوۋغا بارىدىغان Z136 - قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىدىن پايدىلىنىپ، ۋۇخەنگە باش پىياز، ماسكا، باكتېرىيەگە قارشى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دورا قاتارلىق تۇرمۇش ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي يەتكۈزۈپ، ۋۇخەندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. كونتېينىر ۋە يۈك پويىزى بىلەن ۋۇخەنگە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى كارخانىلار خۇاجۇڭ تېببىي داشۆسى تۇڭجى دوختۇرخانىسىغا ئىئانە قىلغان زۇكام جەۋھىرى، ئۇن، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك تېببىي دورا ۋە تۇرمۇش ئەشيالىرىدىن 300 توننىدىن ئارتۇقنى توشۇدى. ۋۇخەن رايونىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش خام ئەشياسى قىس بولۇش ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋۇخەنگە جىددىي تۈردە خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسىدىن پولى ئېتىلېن، پولى پروپىلېن، پولى سىتىرېندىن 72 ۋاگوندا جەمئىي 4544.50 توننا ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەردى.

      شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى جايلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا قارىتا، شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى ھەر قايسى ۋوگزاللار ۋە يۈك تىرانسپورت مەركەزلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش «يېشىل يول»ى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشتا ئالدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئالدىن تەكشۈرۈش، ئالدىن مال تارقىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى قاچىلاش پىلانىنى تۈزۈپ، مەشغۇلاتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماددىي ئەشيا، ئايرىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردىكى مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى دەرھال تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە قومۇل، غۇلجا، ئالتاي، قورغاس، كورلا، قەشقەر، ئاقسۇ، ئ