• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ھالقىلىق پەيتتە جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 22:12 10-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تۈزۈم ئۈنۈمى ۋە تۈزۈم كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئىزدىنىپ ئاچتى.

    ۋۇخەن غەيرەت قىل! جۇڭگو غەيرەت قىل! يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەرلەر كەينى-كەينىدىن يېتىپ كەلدى. 2- ئاينىڭ 6- كۈنى، ۋۇخەن لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى رەسمىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى ھەمدە تەدرىجىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشكە باشلىدى. رەسمىي ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانا 1600 كارىۋات بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، 2000 دىن ئارتۇق تېببىي خادىمىنى سىغدۇرالايدۇ. خوشېنشەن دوختۇرخانىسى، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى، دەرىجىدىن تاشقىرى سۈرئەت كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى. توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن يەر شارى «بۇلۇت نازارەتچىسى» ئاستىدا، ئون مىڭدىن ئارتۇق قۇرغۇچى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كېچە - كۈندۈز توختىماي جەڭ قىلىپ، يامراۋاتقان يۇقۇم بىلەن سۈرئەتتە بەسلىشىپ، ھاياتلىق ئۈمىدىنى يورۇتتى. خەلقئارا ئاممىۋى پىكرى «جۇڭگونىڭ تەشكىلىي كۈچى»نى بەس-بەستە قىزغىن ئالقىشلاپ، جۇڭگونىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتىكى تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە يۈكسەك باھا بەردى __ «پەقەت جۇڭگولا قىلالايدۇ!» دېگەن سۆز چەت ئەل جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇلىرىدىكى تورداشلار قالدۇرغان «دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى چاستوتا»لىق سۆز بولۇپ قالدى.

    يۇقۇم دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى سىنايدىغان چوڭ سىناق. يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىككى دوختۇرخانا قۇرۇش جۇڭگونىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ بىر كارتىنىسى. ۋىرۇس گېن تەرتىپىنى تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ھەمدە پۈتۈن يەر شارى بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىن، تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدە شەھەرنى قامال قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، كېسەل مەنبەسىنى ئايرىۋېتىشكىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، مىسلى كۆرۈلمىگەن، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، نۇرغۇن تەدبىرلەرھەتتا «خەلقئارا سەھىيە نىزامى»نىڭ تەلىپىنىمۇ بېسىپ چۈشتى. «بۇ خىل يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولىدىغان ئۇيۇشۇش كۈچى كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ» «جۇڭگونىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئىتتىپاقلىشىپ ھەرىكەت قىلىش كۈچىنى نامايان قىلىدۇ... جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك تەشكىللەش ئىقتىدارى دۇنيانىڭ كەڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

    «جۇڭگو سۈرئىتى» نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېز، «جۇڭگو كۈچى» نېمە ئۈچۈن ئۈزۈلمەيدۇ؟ مۇشۇ پەيتتە، دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلماسلىققا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭ جاۋابىنىڭ خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى قوزغايدىغان جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ئىكەنلىكىنى كۈنسېرى تونۇپ يەتتى. يۇقىرى بىلەن تۆۋەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە بولسا، ھەممە يەردە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا تاقابىل تۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، بولۇپمۇ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگودا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ھەممىدىن بەك مۇجەسسەملىگىلى بولىدىغان، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ھەقىقىي ھالدا ئۈنۈملۈك مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسى ۋە جەمئىيەت مۇھىتى بار ــــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات» نىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، «جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزگىچە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز» دېگەن خەلقئارا سادا بارغانسېرى كۈچەيدى، ئېكۋاتور مېدىتسىنا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېنېستو كاراسكونىڭ چىن قەلبىدىن ئاپىرىن ئوقۇپ ماختىشى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە —— جۇڭگو زۆرۈر ۋە ۋاقتىدا ھەرىكەت قوللىنىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇردى ھەمدە ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا ماس كېلىدىغان رەھبەرلىك كۈچىنى نامايان قىلدى، بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

    بۇ چوقۇم ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئالاھىدە بىر بېتى. بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشتەك ئۆزئارا ياردەم بېرىش مەدھىيە ناخشىسى مۇقەددەس زېمىندا ياڭرىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۇنياغا جۇڭگو خەلقىنىڭ يىمىرىلمەس ئىرادىسىنى، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، شۇنچە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى ھېس قىلدۇردى. ئائىلە بويىچە جەم بولىدىغان چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مىڭلىغان تېببىي خادىم خۇبېيغا ئاتلاندى، ماسكا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئىشنى جىددىي ئەسلىگە كەلتۈردى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى قۇرغۇچىلار كېچە - كۈندۈز دېمەي ئىشلىدى، قاتناش – تىرانسپورت تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى ... 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تۈزۈم ئۈنۈمى ۋە تۈزۈم كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئىزدىنىپ ئاچتى. خەلقئارا ئاممۋى پىكرى «دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇنداق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلالمايدۇ، ھەر قېتىم جۇڭگو تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىرادىسى بارلىق توسالغۇلارنى يېڭەلەيدۇ» دەپ ئاپىرىن ئوقۇدى.

    ھالقىلىق پەيتتە، جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە جۇڭگو چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ!

    http://uy.ts.cn/system/2020/02/08/036081691.shtml

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى