• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سىز ئۆيگە بېكىنىپ ئولتۇرمىدىڭىز، بەلكى جەڭ قىلىۋاتىسىز!

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 00:08 10-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شاڭخەي شەھىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىشى بىلەن، شاڭخەي شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان 10 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، دوختۇرخانىدىن چىققانلار 25 كە يەتتى.

    شاڭخەي داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى، فۇدەن داشۆ قارمىقىدىكى خۇاشەن دوختۇرخانىسى يۇقۇم بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېنخۇڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، دوختۇرخانىدىن چىققانلار ئاساسەن كېسىلى يېنىك بىمارلار بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 -8 كۈن بالنىستتا ياتتى. ھازىر شاڭخەيدە جەزملەشتۈرۈلگەن بىمار 254 بار، 9.8 پىرسەنت بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، بۇ 254 بىمارنىڭ ئىچىدە، 8 بىمارنىڭ كېسىلى خەتەرلىك، 8 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر، بۇنىڭدىن قارىغاندا، كېسىلى خەتەرلىك ۋە ئېغىر بىمارلار %6نى ئىگىلەيدۇ، قالغانلارنىڭ كېسىلى يېنىك». جاڭ ۋېنخۇڭ مۇنداق دېدى: شۇنداقتىمۇ بۇ كېسەلدىن ھوشيار بولمىساق بولمايدۇ. ھازىر باشقا يەردىن كەلگەن بىمارلار ئوبدان كونترول قىلىندى، مەملىكەت مىقياسىدىن ئېيتقاندا، جەزملەشتۈرۈلگەن بىمارلار بەك كۆپ ئەمەس، ئەمدى شاڭخەيگە قايتىپ كېلىدىغانلار كۆپىيىدۇ، لېكىن ھودۇقۇپ كەتمەسلىكىمىز لازىم. مەن بۇ يەرگە (شاڭخەي شەھەرلىك ئاممىۋى سەھىيە كىلىنىكا مەركىزىگە) كىرىپ ئورۇنلاشقان 10 نەچچە كۈندىن بۇيان، 25 بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ كېسەلنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، داۋالىغىلىمۇ بولىدۇ.

    ھازىرقى ئەڭ زور قىيىنچىلىق نېمە؟

    جاڭ ۋېنخۇڭ مۇنداق دېدى: چاغانلىق دەم ئېلىشنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شاڭخەي شەھىرى قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى قوللاندى، لېكىن بۇ كۆپچىلىكنىڭ ماسلىشىشىغا موھتاج، تېببىي خادىملارغىلا تايانساق بۇ كۈرەشتە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ، يۇقۇم ئەھۋالى شاڭخەيدە يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ. ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى دورا تېپىلىشتىن بۇرۇن، ھازىرقى داۋالاش ئۇسۇلى، خاسلاشتۇرۇپ ئىنچىكە باشقۇرۇش تەدبىرلىرى، پەن ھالقىغان مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ماسلىشىشى بىزنىڭ شاڭخەينىڭ ئاساسلىق تەجرىبىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى، بىز تېببىي خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى بىمارنى ئايرىپ داۋالىغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى بۇ يەرگە كىرگەن بىمارلارنىڭ ئىككى ھەپتىگە بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت، ئىككى ھەپتە بەرداشلىق بېرەلىگەن بىمارلارنىڭ تېنىدە قارشىلىق كۈچى شەكىللىنىپ، ۋىرۇس ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ.

    ھازىر ھەممىمىز كۈرەش قىلىۋاتىمىز، سىز ھەرگىزمۇ ئۆيگە بېكىنىپ ئولتۇردۇم دەپ ئويلىماڭ، سىزمۇ كۈرەش قىلىۋاتىسىز! ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىچىڭىز سىقىلىۋاتامدۇ؟ سىز ۋىرۇسنىڭمۇ ”ئىچىنى سىقىۋاتىسىز“، ۋىرۇسنىڭ ئىككى ھەپتە ”ئىچىنى سىقايلى“. شاڭخەيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بەلگىلەنگەن جايدا ئىككى ھەپتە سىرتقا چىقماي ئولتۇرۇڭ، ئوقۇغۇچىلار ئۆيدە دەرس تەكرار قىلىڭلار، خىزمەتچىلەر ئۆيدە ياكى ئىشخانىدا ئوبدان ئىشلەڭلار، بىز مۇشۇ ”ئىچىنى سىقىش“ تاكتىكىسى ئارقىلىق ۋىرۇسنى تىزگىنلىۋالايلى. ئەگەر پۈتكۈل جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ ”ئىچىنى سىقىپ“ تىزگىنلىۋالساق، شۇنىڭ ئۆزى بىر تۆھپە، ۋىرۇسنى يېڭىشنىڭ بۇ مۇھىم باسقۇچىدىكى مۇھىم ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى