• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئىناۋەتلىك كارتا قەرزىنى رەسمىيەت ھەققىسىز قايتۇرۇشتىكى ئۈچ ئۇسۇل

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:29 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىناۋەتلىك كارتا ئىستېمالىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىناۋەتلىك كارتا قەرزىنى قايتۇرۇش كۆپلىگەن «كارتا ئىشلەتكۈچىلەر» نىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىسىغا ئايلاندى. ئىلگىرى، نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر ئىناۋەتلىك كارتا تەمىنلىگەن ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش مەزگىلى ۋە ئېتىباردىن پايدىلىنىپ ئاۋۋال ئىستېمال قىلىپ، قەرز قايتۇرۇش كۈنىدىن كېيىن بىر تۇتاش پۇل قايتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما قولىدىكى ئىناۋەتلىك كارتىسى ھەرقايسى بانكىنىڭ، قەرز قايتۇرۇشتا نۇرغۇن بانكا ھالقىغان پۇل ئاغدۇرۇشقا چېتىلىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم ئاپپاراتى ئارقىلىق پۇل قايتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.

    يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئىلگىرىكى پۇل چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇھىم كەسىپلىرىدىن بىرى بولغان ئىناۋەتلىك كارتا قەرزىنى قايتۇرۇش، تەدرىجىي ھالدا «ھەقسىز دەۋر»نى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شەرتلىك ھەق ئېلىپ قەرز قايتۇرۇشقا قاراپ ماڭدى. 2018-يىلى 7-ئايدا، ئۈندىدار ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا، ھەر بىر قېتىمدا قايتۇرۇلىدىغان ئىناۋەتلىك كارتا قەرزى ئۈچۈن، قايتۇرۇش سوممىسىنىڭ %0.1ى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ، دېيىلگەن. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئالىپايمۇ سىرتقا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، چىقىمدان ئارقىلىق ئىناۋەتلىك كارتىغا قەرز قايتۇرۇشتا مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ، دېگەن. 2019-يىلى 8-ئايدا، جىڭدۇڭ پۇل مۇئامىلىسى، دۇشياۋمەن مۇئامىلىسىمۇ ئۇلاپلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىناۋەتلىك كارتىغا قەرز قايتۇرۇشتا بەلگىلىك رەسمىيەت ھەققى ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

    ئادەتتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن، ھەر قېتىمدا %0.1 ئەتراپىدىكى رەسمىيەت ھەققى ئاز ھېسابلانمايدۇ، بولۇپمۇ بىر قىسىم كۆپ سوممىلىق چىقىم قىلغاندا، رەسمىيەت ھەققىنىڭ يۇقىرى چېكى بولمايدۇ. قانداق قىلغاندا قولايلىق، تېز بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ھەقسىز قەرز قايتۇرۇشتىن داۋاملىق بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؟ ھازىر ئاساسلىقى ئۈچ خىل ئۇسۇل بار:

    بىرىنچى ئۇسۇل، يانفون بانكىسى APPسى ئارقىلىق قەرز قايتۇرۇش

    نۆۋەتتە، ھەر قايسى چوڭ سودا بانكىلىرى يانفون بانكا APPلىرى ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق ھەقسىز قەرز قايتۇرۇش كەسپىنى قوللايدۇ، شۇ بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىدىن رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىپ قەرز قايتۇرۇشتىن باشقا، بەزى يانفون بانكىلىرى باشقا بانكىلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىغا ھەقسىز قەرز قايتۇرۇشنى قوللايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھازىر مۇتلەق كۆپ قىسىم يانفون بانكىلىرى بانكا ھالقىپ ھېسابات يۆتكىسە ھەقسىز بولىدۇ، بۇ بانكا ھالقىغان ئىناۋەتلىك كارتا ئارقىلىق پۇل قايتۇرۇشنى ھەقسىز ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ئىككىنچى ئۇسۇل: بانكا كارتا ئۈندىدار ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق پۇل قايتۇرۇش

    ھەر قايسى بانكىلار ئۈندىدار ئورگان ھېسابات نومۇرى ئاچتى، ئەگەر كارتا ئىگىسى ھېسابات نومۇرىنى باغلىسا، يەنە ئىناۋەتلىك كارتا ئۈندىدار ئورگان ھېسابات نومۇرىنىڭ تېز سۈرئەتتە قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق قەرز قايتۇرسا بولىدۇ. بىراق بۇ ئۇسۇل بىلەن قەرز قايتۇرغاندا، كارتا ئىگىسى چوقۇم يانفون بانكىسىنى ئاچقان بولۇشى، پەقەت ئۆزىنىڭ بانكىسىغىلا قەرز قايتۇرۇشى ھەمدە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ چوقۇم ئۈندىدارغا باغلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

    ئۈچىنچى ئۇسۇل: بانكا بىرلەشمىسى يۈنشەنفۇ (云闪付) قاتارلىق يوللار ئارقىلىق قەرز قايتۇرۇش

    بانكا كەسپىنىڭ بىرلىككە كەلگەن APPسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىنىڭ يۈنشەنفۇ APPسىنى ھەر قايسى سودا بانكىلىرى بىلەن بانكا بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئېچىپ قۇرۇپ، بىرلىكتە قوغداپ تىجارەت قىلىدۇ، يۈنشەنفۇ APPسى 150تىن ئارتۇق بانكىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ھېساباتىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن تەكشۈرۈش ۋە ھەقسىز قايتۇرۇشنى قوللايدۇ. ئىشلەتكۈچى پەقەت بۇ دېتالنىڭ كارتا باشقۇرۇش قانىلىغا ئىناۋەت كارتىسىنى باغلاپ (ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 ئىناۋەتلىك كارتىنى باغلىسا بولىدۇ)، مۇناسىۋەتلىك كارتىلارنى چەكسىلا، ھەر قېتىملىق سودا ۋە قەرز قايتۇرۇش ئومۇمىي سوممىسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، دەرھال قەرز قايتۇرۇشنى چەكسىلا، رەسمىيەت ھەققى ئېلىنماي قەرز قايتۇرغىلى بولىدۇ، كۆپ قىسىم بانكىلار شۇ كۈنى ھەتتا شۇ ۋاقىتتا ھېسابات قىلىشنى قوللايدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر قىسىم ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش ئورگانلىرى ھازىر يەنىلا «ھەقسىز قەرز قايتۇرۇش» نى ئىشلىتىدۇ، ئەمما ئىستېمالچىلار قەرز قايتۇرغاندا پۇل چىقىم قىلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ھەق ئېلىش ئۇچۇرلىرى ۋە ئالاقىدار مۈلۈك ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى