• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئىتالىيە بىرلەشمىسى 23-ئايلانما: ۋېرونا 1:2 يۇۋېنتۇس

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:27 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 23-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە بېنتېگودى توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ۋېرونا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن رونالدو بىلەن دوگلاس كوستانىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ۋېرونا كوماندىسىدىن كۇمبۇلا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە روپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇستىن رونالدو بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ۋېرونا كوماندىسىدىن بورىنى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، يۇۋېنتۇستىن بونۇچچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى بىلەن، ۋېرونا نۇقتا توپقا ئېرىشىپ پازىنى نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە يۇۋېنتۇستىن تەتۈر ئاشتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 2:1 نەتىجىدە ۋېروناغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

    مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ھىگۇايىننىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچىلەر توسۇۋالدى، ۋېرونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، فاراۋنىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، يۇۋېنتۇستىن دوگلاس كوستانىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 21 مىنۇت بولغاندا ۋېرونا ئىختىيارى توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، كۇمبۇلا كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر سىن فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئورۇن ھالقىغان دېگەن ھۆكۈم بىلەن كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، رونالدونىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تېگىپ كەينىگە قاڭقىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىگە روپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى.

    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككى كوماندا بىر-بىرىدىن قېلىشماي ھۇجۇم تەشكىللىدى، ۋېرونادىن بورىنىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 64 مىنۇت بولغاندا، مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، بېنتانكۇرنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىن ئۇدۇل پاس بېرىشى بىلەن رونالدون توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بۇمۇ رونالدونىڭ بىرلەشمىدە ئۇدا 10 مەيدان توپ كىرگۈزۈشى بولۇپ، كوماندا تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتتى، ئارىدىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە ۋېرونا كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ۋېرونا كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، بورىنى پىيانىچنىڭ پۇتىدىن توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە كىچىك بۇلۇڭدىن توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 85 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ۋېرونا كوماندىسى نۇقتا توپتىن بىرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پازىنى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 2:1 نەتىجىدە ۋېروناغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى