• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىككى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بايلىقى 15 يىلدا تۈگەيدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:24 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا دېيىشىچە، ئەگەر دېڭىز قولتۇقى رايونى نۆۋەتتىكى مالىيە تەدبىرىنى ساقلاپ قالسا ھەمدە دۇنيانىڭ نېفىت ئېھتىياجى مۆلچەردىكىدەك 2041-يىلى ئەتراپىدا يۇقىرى پەللىگە يەتسە، ئۇنداقتا دېڭىز قولتۇقى رايونىدىكى ئىككى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى ھۆكۈمەت پۇل مۇئامىلە بايلىقى 2034-يىلغا بارغاندىلا تۈگەپ كېتىدىكەن. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دوكلاتىدا ئۆلچەم پەرەزنى نەقىل قىلىپ:

    «دۇنيا نېفىت ئېھتىياجى 2041-يىلىنىڭ ئەتراپىدا كۈندىلىك ئېھتىياج تەخمىنەن 115 مىليون باكلىق يۇقىرى نۇقتىغا چىقىدۇ، ئاندىن ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى، نېفىت ئورۇنباسار مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، نېفىت ئېھتىياجى پەيدىنپەي تۆۋەنلەيدۇ، كىرىم ۋە نوپۇسنىڭ ئېشىشى ئاتا قىلغان ئاكتىپ تەسىرلەرنى يوق قىلىشقا باشلايدۇ» دېگەن.

    دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى نېفىت يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىنىڭ تەسىرىگە ئالاھىدە ئاسان ئۇچرايدۇ، چۈنكى ئۇلار خام نېفىتقا تايىنىپ خامچوتىغا پۇل تەمىنلەيدۇ ھەمدە كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا پۇل تېجەيدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇپ دېيىشىچە، ئىسلاھات قەدىمىنىڭ ئاستا بولۇشى پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ 15 يىل ئىچىدە سەرپ بولۇپ تۈگەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، دېدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ نېفىت ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى پەللىسى پەرىزى ھەر باكى 55 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھانى ئاساس قىلغان. دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان ساپ پۇل مۇئامىلە بايلىقى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بايلىق فوندى كاپىتالى، خەلقئارا زاپىسى ۋە ھۆكۈمەت قەرزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى:

    «مەزكۇر رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ساپ پۇل مۇئامىلە بايلىقى ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن ئىككى تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ، مەزكۇر رايون ساپ قەرزدار دۆلەت بولۇشىغا ئەگىشىپ، 2034-يىلغا بارغاندا بۇ بايلىقلارنىڭ مەنپىي سانغا ئايلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىندى. غەيرىي نېفىت بايلىقى ئومۇمىي سوممىسى كەلگۈسى ئون يىلدا سەرپ بولۇپ تۈگەيدۇ. بۇ ۋاقىت جەدۋىلى ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تېزلىتىش ۋە كاربون بېجى ئېلىش ئورۇنباسار لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان» دېگەن.

    نۆۋەتتە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنماقتا، ئىقتىسادنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ، نېفىت كىرىمىگە تايىنىشنى ئازايتماقچى. بىر قىسىم دۆلەتلەر باج ئېلىپ ھۆكۈمەت كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى، قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار يەنە دۆلەت كاپىتالىنى ساتتى ھەمدە پۇلىنى ئىقتىسادقا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتتى، بىرلا ۋاقىتتا ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقئارا قەرز بازىرىدىن تېخىمۇ كۆپ پۇل قەرز ئېلىپ، مالىيە قىزىل رەقىمىنى تولۇقلاشقا ياردەم بەردى. ئەمما خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىسلاھاتلار بەك كېچىككەن ھەم بەك ئاز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى