• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاز ئۇچرايدىغان ئاپتوموبىل تىپى-ئوڭ رول نۇسخىدىكى BMW E46 M3 CSL

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:14 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    `


    `يىغىپ ساقلاشقا ئەرزىيدىغان BMW ئاپتوموبىل تىپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، E30 M3 ۋە E46 M3 CSL مۇتلەق ئالدىنقى بىر نەچچە رەتكە تىزىلىدۇ. ئۇلار باشقا ئاپتوموبىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ، باھاسىمۇ قىممەت. بولۇپمۇ E46 M3 CSL نۇرغۇن ئاپتوموبىل مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى BMW M ئاپتوموبىل تىپى ھېسابلىنىدۇ.

    يېقىندا ئاۋستىرالىيە ئاپتوموبىل سودا سۇپىسى carsales دا 2003-يىلىدىكى BMW E46 M3 CSL نىڭ سېتىلىش ئۇچۇرى پەيدا بولدى، باھاسى 155 مىڭ ئاۋستىرالىيە دوللىرى (خەلق پۇلىدا 735 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا) بولۇپ، تەخمىنەن ئوخشاش يىللاردىكى E46 M3نىڭ باھا ئۆلچىمىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سىرتى كۈمۈش رەڭدە، ئىچى قارا رەڭدە بولۇپ، نۆۋەتتە يۈرۈش مۇساپىسى 93 مىڭ 500 كىلومېتىرغا يەتكەن



    ھەممىگە ئايانكى، E46 بولسا BMWنىڭ ئۈچۈنچى ئەۋلاد M3 ئاپتوموبىلىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى بولۇپ، 2000-يىلىدىكى جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان، ئۇنى BMWنىڭ گېرمانىيەدىكى رېگېنسبۇرگ زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان، ئىككى ئىشىكلىك سىپورت نۇسخىلىق ۋە ئۈستى ئوچۇق سىپورت نۇسخىلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاپتوموبىل شەكلى بار. M3 CSL ئۈچىنچى ئەۋلاد M3 نىڭ بىر خىل ئالاھىدە نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل تىپى بولۇپ، E46 M3 Coupe ئاساسىدا ياسالغان، كوزۇپقا نۇرغۇن يېنىك ماتىرىياللار ئىشلىتىلگەن، شۇڭا ئۆلچەملىك نۇسخىغا سېلىشتۇرغاندا ئېغىرلىقى تەخمىنەن %10 كېمەيگەن.

    E46 M3 CSL نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، دىنامىكىلىق ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسى ۋە تەگلىك قىسمى كۈچەيتىلگەن، Pilot Sport بالونى سەپلەنگەن، ئالدى چاقنىڭ ئۆلچىمى 235/35 R19+، ئارقا چاقنىڭ ئۆلچىمى 265/30 R19، ئالتە سىلىندىرلىق ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 360 ئات كۈچىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئىككىنچى ئەۋلاد SMG سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقىغا ماسلاشتۇرۇلغان.

    بۇ ئاپتوموبىلدىن جەمئىي 1383 ياسالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 822سى سول رول نۇسخىلىق، ئوڭ رول نۇسخىسى تېخىمۇ ئاز بولۇپ، پەقەت 532سى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋستىرالىيە جەمئىي 23 ئاپتوموبىلنى ئىمپورت قىلغان. شۇڭا، بۇ خىل ئاز ئۇچرايدىغان ھەم ساقلاشقا ئەرزىيدىغان ئاپتوموبىل ئۈچۈن ئېيتقاندا، 155 مىڭ ئاۋستىرالىيە دوللىرىلىق باھا كىشىنى خېلىلا جەلپ قىلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى