• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئادەم بەدىنى بىر كۈندە قانچە تال تاماكىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:06 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، لېكىن تاماكا چېكىش ئاسان بولغان بىلەن تاماكا تاشلاش ئاسان ئەمەس، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ، ئەگەر تاماكىنى ۋاقتىدا تاشلىمىسىڭىز خۇمارىڭىز بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىدۇ، ئەسلىدە كۈندە بىر-ئىككى تال چېكىدىغان بولسىڭىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىر كۈندە 10 تال، بىر قاپ ھەتتا ئىككى قاپ چېكىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بەدەننىڭ بىر كۈن ئىچىدە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تاماكا مىقدارى چەكلىك بولىدۇ، تاماكىنى چەكلىمىسىز چېكىشكە بولمايدۇ. ئۇنداقتا، ئادەم بەدىنى بىر كۈندە زادى قانچە تال تاماكىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟


    ئەگەر پەقەت تاماكا تاشلىغۇڭىز بولمىسا، بىر كۈندە چېكىدىغان تاماكىنىڭ سانى ئۈچ تالدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بىر كۈندە چەككەن ئۈچ تال تاماكىغا بەدەن بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ زەھەر تازىلاپ ماددا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، بۇ تاماكىلارنىڭ زەھىرى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، ئەمما ئۈچ تالدىن ئېشىپ كەتسە، بەدەن سىزگە «ئېتىراز» بىلدۈرىدۇ. بىر تال تاماكا چەككەندىن كېيىن قاندىكى نىكوتىن مىقدارى ئۆرلەيدۇ، تۆت سائەتتىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى ھالەتكە كېلىدۇ.


    كېچىسى ئۇخلىغان ۋاقىتنى چىقىرىۋەتكەندە، كۈندۈزدىكى 12 سائەت ۋاقىتتا تۆت سائەتتە بىر قېتىم ماددا ئالماشتۇرۇلۇش تاماملىنىدۇ، شۇڭا بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ تال چېكىشكە بولىدۇ. بۇ تۆت سائەت ۋاقىتتىكى ماددا ئالماشتۇرۇلۇش پەقەت نىكوتىندىن ئىبارەت بىر خىللا ماددىغا قارىتىلغان، تاماكا تەركىبىدىكى باشقا زىيانلىق ماددىلارنىڭ تەسىرى يەنە باشقا گەپ، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى بىر تالمۇ چەكمەي، بالدۇرراق تاماكا تاشلاڭ.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى