• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سامسۇڭ Galaxy S20 ۋە Z Flip قاتلىنىدىغان يانفونىنىڭ سەپلىمىسى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:00 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    XDAدىكى Max Weinbachنىڭ بىر قىسىم يازمىلىرىدا سامسۇڭ Galaxy S20 ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى. ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار سامسۇڭ Galaxy S20، Galaxy S20+، Galaxy S20 Ultra ۋە Galaxy Z Flip قاتارلىق يانفونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئاشكارىلانغان ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، نورمال ئەھۋالدا Galaxy S20نىڭ ئېكرانىنىڭ يېڭىلىش چاستوتىسى 60Hz بولىدىكەن. بۇ ئەقلىيفونلارنىڭ ئەنئەنىۋى چاستوتىسى ئىكەن، Galaxy S20دە ئابۇنتلارنىڭ تاللىشىغا ئاساسەن چاستوتىسىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇشقا بولىدىكەن.
    120Hz چاستوتىسىدا ئېكران ھەر سېكۇنتتا 120 راملىق تېزلىكتە يېڭىلىنىدۇ. ئەمما يېڭىلىنىش چاستوتىسىنىڭ تېز بولۇشى باتارېيەنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ سامسۇڭنىڭ يېڭى يانفونىغا تېخىمۇ چوڭ باتارېيە سەپلىشىنىڭ سەۋەبى. Galaxy S20غا 4000mAhلىق، Galaxy S20 +قا 4500mAhلىق، Galaxy S20 Ultraقا 5000mAhلىق باتارېيە سەپلىنىدۇ. 120Hzلىق چاستوتىغا ئىگە يەنە بىر يانفون OnePlus 8 Pro ۋە OnePlus8 بولۇشى مۇمكىن. ئاشكارىلانغان ئېكران ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، OnePlusنىڭ بۇ يانفونلىرىغا ئۈچ خىل تاللاش چىقىرىلىدۇ، 120Hz ،90Hz ۋە 60Hz. ئىگىلىنىشچە، Galaxy S20قا پەقەت 60Hzلىق ۋە 120Hzلىق ئىككى خىل سەپلىمە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    Galaxy S20 Ultraغا 6.9 ديۇملۇق ھەرىكەتچان AMOLED ئېكران ئىشلىتىلگەن، 12GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 128GB/512GBلىق ساقلىغۇچ سەپلەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا «بوشلۇقتا فوكۇس ئۆزگەرتىش» ئىقتىدارىغا ئىگە، بۇ بىر خىل 100 ھەسسە ئارىلاش فوكۇس ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولۇپ، 48 مىليون پىكسېللىق دۇربۇنسىمان كامېرا ئىشلىتىلگەن، 10 ھەسسە ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

    S20گە سەل كىچىكرەك 6.2 ديۇملۇق ئېكران ئىشلىتىلگەن، شۇڭا بۇ تىپىنىڭ ئېكران PPI ئومۇمىي پىكسېل مىقدارى يۇقىرى، 563؛ Galaxy S20 +قا 6.7 ديۇملۇق ھەرىكەتچان AMOLED ئېكران سەپلەنگەن، بۇ ئىككى خىل يانفونغا 12GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 128GBلىق ساقلىغۇچ سەپلەنگەن.

    سامسۇڭ 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بۇ يېڭى بايراقدار يانفونلىرىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە 3-ئاينىڭ 13-كۈنى سېتىشقا باشلايدۇ.
    سامسۇڭ Galaxy Z Flip ھەققىدە ئاشكارىلانغان ماتېرىيالدىن قارىغاندا، Galaxy Z Flip قاتلىنىدىغان يانفونى 90 گىرادۇس ۋە 180 گىرادۇس قاتلىنالايدۇ. 90 گىرادۇس قاتلانغاندا ئاستى قىسمىنى تېرەك جازا قىلىشقا بولىدۇ. كامېرا ئەپ دېتالى ۋە ۋىدىيولۇق پاراڭلىشىش ئەپ دېتالى Duo يانفوننىڭ ئۈستى قىسمىغا يۆتكىلىدۇ.

    Galaxy Z Flipغا Snapdragon 855 بىر تەرەپ قىلغۇچى ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە 6.7 ديۇملۇق ھەرىكەتچان AMOLED ئېكران ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭغا 12 مىليون پىكسىللىق ئارقا كامېرا، 10 مىليون پىكسىللىق ئالدى كامېرا ۋە 3300-3500mAhلىق باتارېيە سەپلەنگەن. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، Galaxy Z Flipنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 12GB، ساقلىغۇچىغا ئەڭ چوڭ بولغاندا 256GBلىق ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن، باھاسى 1000 دوللاردىن يۇقىرى ياكى 800 دوللار ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3