• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    رونالدو كەسپىي ھاياتىدا قاتناشقان 17 تۈرلۈك مۇسابىقە ئىچىدە 15 تۈردە توپ كىرگۈزدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:59 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تۇرىن ئاللىيانز توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا رىم كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، مۇسابىقىدە كرىستىيانو رونالدو ھىگۇايىننىڭ پاس بېرىشى بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۇنجى توپنى كىرگۈزدى.
    بۇ مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 26 مىنۇت بولغاندا، يۇۋېنتۇس توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەپ، ھىگۇايىن سول تەرەپتىكى رونالدوغا ئۇدۇل پاس بەردى، رونالدو توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، رونالدونىڭ توپ كىرگۈزگىنى نەق مەيداندا كۆرگەن رونالدونىڭ چوڭ ئوغلىمۇ ئىنتايىن خوشال بولدى.

    كىرگۈزگەن بۇ توپنى قوشقاندا كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا 17 تۈرلۈك ئوخشىمىغان پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 15 تۈرلۈك مۇسابىقە ئىچىدە رونالدو توپ كىرگۈزگەن، پەقەتلا ئېنگلاند رايون قالقىنى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان.


    ۋۋۋ

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى