• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    خۇبېيغا ياردەم بېرىش ھېكايىسى: ئانىسىنىڭ يۇرتىغا ياردەمگە بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئېيتمىدى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 22:54 09-02-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر كاڭ خاۋيەن) «ۋۇخەن ئانامنىڭ يۇرتى، ئۇ ئىزچىل قايتىپ بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى ئىدى، لېكىن بۇ قېتىم ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ماڭغانلىقىمنى يەنىلا ئۇنىڭغا ئېيتمىدىم، بىز ساق-سالامەت قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا ئېيتىمەن!» 2-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 23تە، خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يىن لىڭخۇي ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا يۈك-تاقلىرىنى تەييارلاپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندى، ئۇ شىنجاڭنىڭ 2-تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ 102 ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە ۋۇخەنگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

      1-ئاينىڭ 24-كۈنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، يىن لىڭخۇينىڭ ئۆيگە قايتمىغىنىغا 12 كۈن بولدى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەندە، دوختۇرخانىنىڭ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەيدىغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن تىزىمغا ئالدۇردى. «مەن ياش پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشتىن باش تارتماسلىقىم كېرەك!» دېدى ئۇ قەتئىيلىك بىلەن.

      مىجەزى ئوچۇق يىن لىڭخۇينىڭ گەپ قىلىشى، ھەرىكىتىدىن قەيسەرلىكى چىقىپ تۇراتتى. چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، دوختۇرخانا تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ۋۇخەنگە ساياھەتكە بېرىش تارىخى بار ياكى ۋۇخەندە تۇرۇش تارىخى بار خادىملارنى تېببىي كۆزەتتى ۋە قوغداش خاراكتېرلىك ئايرىۋەتتى، ئۇ ئەترەتنى باشلاپ قۇرۇش ۋەزىپىسىنى تېز سۈرئەتتە تاماملىغاندىن كېيىن، تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ قېلىپ، بىر كۈنمۇ ئايرىلمىدى. «ئەتىگەندە خۇبېيغا ياردەم بىرىش ۋەزىپىسىگە قاتنىشالايدىغانلىقىمنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن، ئۆيگە قايتىپ تەييارلىق قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، دەرھال ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يېتىپ كەلدىم.» ئۇنىڭ دېيىشىچە، ۋاقىت قىس بولغاچقا، ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاندىن شۇ كۈندىكى تۇنجى ۋاخ تامىقىنى يېگەن.

      ياردەم بېرىشكە ئىلتىماس قىلىش، خادىملارنى بېكىتىش، يۈك-تاقلارنى تەييارلاپ يولغا چىقىش، بارلىق ئەھۋاللارنى يىن لىڭخۇي ئېرىگە پەقەت تېلېفون بېرىش ئارقىلىق ئۇقتۇردى، 12 ياشلىق بالىسى ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرا خوشلىشالمىدى. «مەن بالامنىڭ توغرا چۈشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ ئۆزى كۈچ چىقىرالايدىغان ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ كەينىگە مۆكۈنۈۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىمەن. مەن تېببىي خادىم، پارتىيە ئەزاسى، مېنىڭ مۇشۇنداق مەسئۇلىيىتىم ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىم بار»، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 68 ياشلىق ئانىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئانىسىنىڭ ئەندىشە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ جەڭگە ئاتلانغانلىق خەۋىرىنى ئانىسىغا ئېيتمىغان.

      «يۇقۇم قورقۇنچلۇق ئەمەس، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەممىدىن مۇھىم، بىز بىرىنچى سەپكە بارغاندا كەسپىي بىلىمىمىزنى ئىشلىتىپ ئۆزىمىزنى ياخشى قوغداپ، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز». يىن لىڭخۇي، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە پەخىرلەنگەن ھالدا ئانىسىغا ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ يۇرتىنى كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۇ يەردە ھەممە ئىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى