• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاپتولنى كۆپ قۇيۇۋەتسە ئاپتوموبىلغا قانداق زىيىنى بار؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:39 14-01-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاپتولنى ئالماشتۇرۇش بىزنىڭ ئامراق ئاپتوموبىلىمىزنى ئاسراشتىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈر، مەيلى كىچىك ئاسراش بولسۇن ياكى چوڭ ئاسراش بولسۇن ھەممىسىدە ئاپتول ئالماشتۇرۇش كېرەك، ئۇنداقتا ناۋادا ئاپتول كۆپ قۇيۇلۇپ كەتسە قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ ئاپتوموبىل ئاسراشتا ئاپتولنى قانچىلىك قۇيۇش كېرەك؟

    ئاپتولنى كۆپ قۇيۇۋەتسە قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ (يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كېتىش)


    1. چىقىرىش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەيدۇ، ماي سەرپىياتى ئۆرلەيدۇ


    سىلىندىر ئاستىدىكى ئاپتول ئەگرى ئوق بىلەن ئۇچراشمايدۇ، ئاپتول ئەگرى ئوققا يەتكەن بولسا كۆپ قۇيۇلۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، لېكىن تېگىشىشكە تايىنىپ سىلىقلاشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ سىلىقلىشى ئاپتول پومپىسى تەمىنلىگەن بېسىم مېيى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.


    ئەگەر ماتوردا ئاپتول زىيادە كۆپ بولسا، ئەگرى ئوقنىڭ كۆپ قىسمى ياكى ھەممىسى ئاپتول ئىچىگە چىلىنىپ قېلىپ، ئاپتولنىڭ ئۇنىڭغا بولغان توسۇش كۈچى ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماتورنىڭ ئايلىنىش قارشىلىقى ئېشىپ كېتىدۇ.


    بۇ خۇددى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئارقىلىق ئايلىنىدىغان سۇ چاقىغا ئوخشايدۇ. ئەسلىدە چاق سۇ بىلەن ئۇچراشمىغاندا ناھايىتى جانلىق ئايلىنىدۇ، ئەمما يامغۇر يېغىپ سۇ ئۇلغىيىپ كەتكەندە سۇ بىلەن چاق ئۇچرىشىپ قارشىلىق كۈچى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇرۇنقىدەك ياخشى ئايلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتولنىڭ بەلگىلىك يېپىشقاقلىقى بار.

    ئەگرى ئوقنىڭ قارشىلىق كۈچى چوڭايسا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئاندىن ماتورنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسى يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھالدا ئاپتوموبىلنى كۆپرەك ماي پۈركۈگۈزۈپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شۇڭا ماي سەرپىياتى ئۆرلەيدۇ. نەتىجىدە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنە ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ.


    2. كاربون يىغىلىپ قېلىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ


    ئەگەر ئاپتول بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ھەممە يەرگە ھەر خىل سىڭىپ كىرىپ كېتىدۇ. ئەڭ ناچار ئەھۋال ماتورنىڭ كۆيۈش كامېرىغا ئېقىپ كىرىش. بۇ بېنزىن بىلەن تەڭ كۆيۈپ كەتكەنگە باراۋەر، ئۇزۇن ۋاقىت ئاپتول كۆيدۈرگەندە ماتورنىڭ كاربون يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆيۈش كامېرىنىڭ ئىچىگە كاربون توپلىنىپ قالسا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تۆۋەنلەپ، ماي سەرپىياتى ئۆرلەپ كېتىدۇ.

    3. ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزاتورنى بۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن


    ئاپتولنىڭ كۆيدۈرۈش كامېرىغا كىرىش مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە، قالدۇق گازنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىپ، ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزاتورنىڭ ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۈچ ئېلېمېنتلىق كاتالىزاتورنى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن.

    4. ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ كونىرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ


    بىر قىسىم ئاپتوموبىل تىپىدا سىلىقلاش سىستېمىسىدىكى ئاپتول بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ھەر قايسى زاپچاسلارنىڭ بەرداشلىق بېرىش يۈكى ۋە بېسىمى بەك ئېغىر بولۇپ كېتىدۇ، بېسىم قانچە چوڭ بولسا، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل زاپچاسلارنىڭ كونىرىشى شۇنچە تېز بولىدۇ. بىر قەدەر روشەن بولغىنى ئەگرى ئوق كۇرۇپكىسىنىڭ ماي ھىملىغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بېسىمى يۇقىرى بولسا كونىرىشى تېزلىشىدۇ، كونىرىغاندىن كېيىن ئاپتول ئېقىپ كېتىش خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.




    ئاپتولنى زادى قانچىلىك قۇيۇش كېرەك؟


    ئاپتوموبىل ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسىغا قاراش


    ئوخشاش بولمىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئاپتول مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ، ئاپتوموبىلغا قانچىلىك ئاپتول قوشۇش كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل ئىشلەتكۈىچلەر قوللانمىسىنى تەكشۈرۈش، ئۇنىڭدا ئاپتوموبىلغا قانچىلىك ئاپتول قاچىلاش كېرەكلىكى ئېنىق يېزىلغان. گاز چىقىرىش مىقدارى كىچىك ماتورغا كېرەكلىك ئاپتول بىر قەدەر ئاز بولۇپ، 3.2-3.6 لىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، گاز چىقىرىش مىقدارى چوڭ ماتورغا كېرەكلىك ئاپتول بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئادەتتە تۆت لېتىردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

    ئاپتول ئۆلچىگۈچ شكالىسىغا ئاساسەن قۇيۇش


    ئەگەر سىزنىڭ قولىڭىزدا ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسى بولمىسا، ماتورنىڭ ئاپتول شكالىسىنى تارتىپ چىقارسىڭىز بولىدۇ، ئاپتول شكالىسىدا MIN ۋە MAX دېگەن خەت بار، بۇ ئاپتول تۆۋەن چېكى ۋە يۇقىرى چېكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتول ئەڭ تۆۋەن ئورنىدىن تۆۋەن بولسا، ئاپتول قويۇشىڭىز كېرەك، ئاپتول ئۆلچىگۈچىنىڭ يۇقىرى ئورنىدىن يۇقىرى بولسا قۇيمايسىز ھەمدە ئارتۇق ئاپتولنى چىقىرىۋېتىشىڭىز كېرەك. شۇڭا، ئاپتول سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئېگىزلىكى ئەڭ يۇقىرى چەك بىلەن ئەڭ تۆۋەن چەك ئارىلىقىدا بولۇشى كېرەك، ئاز قۇيۇپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ.

    لېكىن دىققەت قىلىدىغان يېرى شۇكى، ماتور ئايلانغاندا ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، ئاپتوموبىلنى ئەمدىلا توختاتقاندىمۇ ئۆلچىگىلى بولمايدۇ، خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ، مانا بۇ بىز دېگەن سوغۇق ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى. شۇڭا، ئادەتتە ئاپتوموبىلن توختاپ ئاز دېگەندە 15 مىنۇت تۇرغاندىن كېيىن، ئاپتول ئاستىنقى قېپىغا چۈشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىز ئاپتول ئۆلچىگۈچ ئارقىلىق ئاپتول يۈزىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچىسەك بولىدۇ.




    ناۋادا ئاپتول كۆپ قۇيۇلۇپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟


    بۇ يەردە سىزگە مۇنداق بىر ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي: سىز دورىخانىغا بېرىپ چوڭراق بىر يىڭنە، بىر تال ئاسما ئوكۇل سۇيۇقلۇقى نەيچىسى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، شپىرىس + كىچىك ئوكۇل سۇيۇقلۇقى نەيچىسى بىلەن ئارتۇق ئاپتولنى سۈمۈرۈۋالسىز، بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر پاكىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ تارتىۋەتسىڭىز كېيىن يەنە قايتۇرۇپ قۇيغىلى بولىدۇ.

    ئەگەر سىز يەنىلا ئۆزىڭىز قول سېلىپ قىلالمىسىڭىز، يەنىلا بىلىدىغان ئادەمنى تېپىپ قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، كونا شوپۇر ياكى 4S دۇكىنى قاتارلىق كەسپىي ئورگانلار سىزگە ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ.


    ئەلۋەتتە، ئاپتول يۈزى ئاپتول ئۆلچىگۈچنىڭ يۇقىرى چېكىدىن ئېشىپ كەتسە چوقۇم يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئاپتول پەقەت كۆپىيىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن ئاندىن مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ.




    كۈندىلىك سەپەرگە چىققاندا، يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك


    1. ئەھۋالنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئەھۋالنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىش، كۆرۈنمەس رايون ۋە بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردىكى يول ئېغىزى، يول بۆلىكى ۋە جىسىملار توسالغۇ پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىي ئەھۋاللارغا قارىتا ئالدىنى ئېلىش پىسخىكا تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.


    2. ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دىققەتنى چاچماسلىق كېرەك، چۈنكى ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم سوڭدىشىش ھادىسىسىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن خىيال سۈرۈپ قېلىش بەلكىم ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


    3. ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، چوقۇم قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، مەدەنىيەتلىك، بىخەتەر يول يۈرۈش كېرەك. خالىغانچە يول ئۆزگەرتىش، خالىغانچە ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىق ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى