• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    BMW3 نىڭ ساپ توكلۇق نۇسخىسىنىڭ يۇشۇرۇن تارتىلغان سۈرىتى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:35 14-01-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېقىندا، بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرى گېرمانىيەدە بىر گۇرۇپپا ساپ توكلۇق BMW 3 نىڭ يولدا سىناق قىلىنىۋاتقانلىق سۈرىتىنى تارتىۋالغان، يېڭى ئاپتوموبىلغا قەغەز چاپلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى «Electric Test Vehicle» بەلگىسى ۋە يېڭى ئارقا ئايلانمىسى قاتارلىق تەپسىلاتلار ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئالدى-كەينى ئىشىكىنىڭ نىسبىتى ئارقىلىق يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇن ئوق ئارىلىقىغا ئىگە ئاپتوموبىل تىپى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇ BMW 3 نىڭ دۆلەت ئىچى ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل تىپى بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.



    يوشۇرۇن تارتىلغان سۈرەت ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، يېقىلغۇ ماي نۇسخىسىدىكى ئاپتوموبىل تىپىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئوتتۇرا تورىدا ئۆزگىرىش بولغان، ئۇ يېپىق شەكىلدە لايىھىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىلغۇ ماي نۇسخىسىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا تەرىپىدە جەمئىي ئىككى گاز چىقىرىش ئېغىزى بار بولۇپ، سىناق ئاپتوموبىلىدا كۆرۈنمەيدۇ، بۇ كېيىنكى قورشاش ياكى قايتىدىن لايىھەلەشتىن ئۆتكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. نۆۋەتتە بىز يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلمىدۇق، لېكىن ئەگەر يېڭى ماشىنا دۆلەت ئىچى نۇسخسى بولسا، ئۇنداقتا بىز ix3 نىڭ ئىقتىدار پارامېتىرلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ.

    دەسلەپكى مەزگىلىدە iX3 نىڭ پەقەت ئارقا چاق ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئاپتوموبىل تىپى تەمىنلەنگەن، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 200kW، چوققا تولغىنىش مومېنتى 400N.m، باتارېيە گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى 74kWh غا يېتىدۇ، WLTP ئىشلىگەن ھالەتتە داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى 440kmغا يېتىدۇ. ix3 بۇ يىلىدىن باشلاپ جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولغاچقا، بىزنىڭ مۆلچەرىمىزچە، ئۈچ يۈرۈش ساپ توكلۇق نۇسخىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ۋاقتىمۇ كېچىكمەيدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى