• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سېمىزرەك ياشانغانلار تىزلىق تاقىسا ھەم ئىسسىق ساقلايدۇ، ھەم بوغۇملارنى قوغدايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 01:38 03-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كونىلاردا «دەرەخ يىلتىزىدىن قۇرۇيدۇ، ئادەم پۇتىدىن قېرىيدۇ» دەيدىغان گەپ بار، ياشىنىپ قالغاندا، تىز بوغۇمى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇپراپ، مەسىلە كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ سېمىز ياشانغانلارنىڭ بوغۇم يۈكى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

      سېمىز ياشانغانلار بوغۇم يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئورۇقلىشى كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلىگەندە، تىز بوغۇمىنىڭ يۈكى يېنىكلەيدۇ. ئەكسىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ھەر بىر جىڭ ئاشقاندا، تىز بوغۇمىنىڭ يۈكى 4~5 جىڭغىچە ئاشىدۇ، شۇڭا كىلىنىكىدا سېمىز بىمارلارنىڭ تىز بوغۇمى كۆپرەك ئۇپرايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

    ئورۇقلاشتىن باشقا، تىزلىق تاقاشمۇ ياشانغانلارنىڭ تىز بوغۇمىنى ئاسراشتىكى ئاددىي، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. بولۇپمۇ بەدەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى 24تىن ئېشىپ كەتكەن ياشانغانلارنىڭ تاقىشى تېخىمۇ زۆرۈر.

    ھازىر ھاۋا بىر قەدەر سوغۇق، شۇڭا ياشانغان دوستلارغا يۇڭ يىپتىن توقۇلغان تىزلىق تاقاش تەكلىپىنى بېرىمىز، تىزلىق ھەم يېنىك ھەم ئىسسىق بولىدۇ. تىزلىق ئىشلەتكەندە، ئۇنى ئىشتاننىڭ ئىچىدىن تاقىغاندا، مۇقىملىقى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. تىزلىقنىڭ بوش-چىڭلىق دەرىجىسىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، بەك بوش بولسا ھېچقانداق رولى بولمايدۇ، بەك چىڭ ھەم تاقىغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، قان ئايلىنىشقا تەسىر يېتىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى