• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ماشىنا ئادەم ئادەم ئەمەس ، ئۇ يازغان نەرسىلەر ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالامدۇ ؟

    مەنبە : new.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 00:51 03-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تېڭشۇن شېركىتى تېڭشۇن ماشىنا ئادىمى D r e e w t e r تەييارلىغان ماقالىنى ئېجازەت ئالماي تۈرۈپ كۈچۈردى دەپ « تور قەرز ئائىلىسى »نى ئەرىز قىلغان بۇ دىلو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىقچىلىق ساھەسىدىكى تۇنجى دېلو بولۇپ ، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىشى بىلەن ئاخىرلاشتى .
    سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ ، خەۋەر يېزىش ، كۆرۈنمە چاستوتا مۇزىكا ئىجادىيىتى قاتارلىق ساھەلەردە پەيدا بولغاندىن كىيىن ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى مەسىلىسى ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە ئەمەلىي ئىشلار ساھەسىنى ئىزچىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تالاش - تارتىش ناھايىتى كۆپ بولدى .
    يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى نەنشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر پارچە ھۆكۈمى بۇنىڭغا ئەدلىيە جەھەتتىن جاۋاب بەردى :
    سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردا ھاسىل بولغان ئەسەرلەر ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش دائىرىسىگە كىرىدۇ .

    ئىگىلىنىشىچە ، بۇ سېستىما تېڭشۈن شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان سانلىق مەلۇمات ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىقچىلىق ياردەمچى سىستېمىسى بولۇپ ، كۆلەملەشكەن ۋە يەككە مەزمۇندىكى كەسىپ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياردەمچى ئىكەن . 2015 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى رەسمى يۈسۇندا ماقالە بىر تەرەپ قىلىشقا باشلىغان ، دەۋاگەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىقچىلىق ياردەمچىسى سېستىمىسى ھەر يىلى 300 مىڭ پارچە ئەسەرنى تەھرىرلەپ تاماملىيالايدىكەن

    دېلوغا چېتىشلىق ئەسەر 2018 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزىقچىلىق ياردەمچىسى يازغان پايغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ماقالىسى بۇلۇپ ، تېڭشۇننىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتالى پاي چېكى بازىرى تۈرىدىكى ماقالىلەرنىڭ يېزىق قۇرۇلمىسىنى كۆپلەپ توپلاش ۋە تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى پايچىلار ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەخسىتىدە ، ماقالە قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ ، ھەمدە توپلىغان پاي چېكى بازىرىنىڭ تارىخىي سانلىق مەلۇماتى ۋە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى پاي چېكى بازىرى سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ ، پاي چېكى بازىرى تاقىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مىنۇت

    ئېچىدە يېزىقچىلىقنى تاماملايدۇ ھەمدە ئېلان قىلىغان ، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا « بۇ ماقالە تېڭشۈن ماشىنا ئادىمى D r e w e r ئاپتوماتىك يازدى » دەپ ئەسكەرتكەن

    بۇ ماقالە تېڭشۈن ئاكسىيە تورىدا تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، شاڭخەي يىڭشۈن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇ ماقالىنى كۈچۈرۈپ ، « تور قەرز ئائىلىسى » تور بېكىتى ئارقىلىق ئاممىغا تارقاتقان . تېڭشۈن شىركىتىنىڭ قارىشىچە ، بۇ قىلمىش سۈنئىي ئەقلىي ئىقدىدارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ قارشى تەرەپنى سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلغان

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى