• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    نوكىيا 4.2نىڭ باھاسى 920 يۈەنگە چۈشتى

    مەنبە : mobile.sina.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 00:47 03-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۇ يىل 5-ئايدا، نوكىيا 4.2 ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونى ھىندىستاندا ئېلان قىلىندى. نۆۋەتتە، بۇ نۇسخىدىكى ئەسلى باھاسى 154 دوللار (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1072.8 يۈەن) بولغان نوكىيا 4.2نىڭ، سېتىلىش باھاسى 21 دوللار (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 146.3 يۈەن) تۆۋەنلىگەن، نۆۋەتتە باھاسى 133 دوللار (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 926.5 يۈەن) بولۇپ، بۇنداق تۆۋەن باھا چەتئەلدە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سېتىۋېلىش پۇرسىتى ۋە ئىقتىدارى ئاتا قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىلدىكى نوكىيا 4.2 نۆۋەتتە تېخى دۆلەت ئىچىدە سېتىلمىغان.


    ئۇنىڭدىن باشقا، نوكىيا 4.2نىڭ ئامازوندىكى سېتىلىش باھاسىمۇ 9499 رۇپىيە (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 927.9 يۈەن)دىن 6975 رۇپىيەگە چۈشتى (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 681.4 يۈەن). بۇ خىل يۈزلىنىش ئارقىلىق، مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى، باھا ئۆزگىرىشى كېيىنكى قەدەمدە Flipkart ۋە نوكىيا تور دۇكىنىنىڭ سېتىلىشىدا گەۋدىلىنىدۇ.


    ئىگىلىنىشىچە، نوكىيا 4.2گە 5.71 دىيۇملۇق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ئېكران لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئېكراننىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر كىچىك سۇ تامچىسى شەكىللىك لايىھە بار ئىكەن. سەپلىمە جەھەتتىن شياۋلۇڭ (骁龙) 439 ئۆزەك گۇرۇپپىسى سەپلەنگەن ھەمدە بىر قوش كامېرا گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، ئۆزتارتىم سۈرەتكە تارتقاندا، بۇ ئاپپارات 8 مىليون پىكسېللىق سېنزور بىلەن تەمىنلەيدۇ. سىستېما جەھەتتە، Android Oneنى ئىجرا قىلىدۇ.

    يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ھازىر نوكىيا 4.2نىڭ باھاسى ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسىدىن %36 تۆۋەنلىدى. باھانى مەھسۇلات تارقىتىلغان نەچچە ئايدىن كېيىن چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا كىشىنى جەلپ قىلىدىغان مەھسۇلات بولىۋېرىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى