• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ج خ مىنىستىرلىقى مۇنداق قىلمىشلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 00:05 03-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئاچقان 2020-يىللىق مەملىكەتلىك چاغانلىق يولۇچى توشۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ھادىسە ئاسان يۈز بېرىدىغان قانۇنغا خىلاپ يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى تەكشۈرۈپ، «يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىل، يۈك ئاپتوموبىلى» قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى قاتتىق تەكشۈرۈش، «ئۈچ جەھەتتە نورمىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش»، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ھادىسىلىرى، «خېرىدارنى قاقتى سوقتى قىلىش»، «بېلەت ھايانكەشلىكى»، «بۇلاڭچىلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش» قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاش، «ئايروپىلاندا جېدەل چىقىرىش» ، «يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا جېدەل چىقىرىش»، «ئورۇن تالىشىپ زومىگەرلىك قىلىش» قاتارلىق تىرانسپورت تەرتىپى ۋە يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن.


    جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى «ئادەم، ئاپتوموبىل، يول»دىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك تېخنىكا شارائىتى تەلەپكە يەتمىگەن ئاپتوموبىللارنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا قاتنىشىشىنى قاتتىق چەكلەش، 12 نومۇر توشقان شوپۇرلارنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا قاتنىشىشىنى قاتتىق چەكلەش، جىددىي ئايلانما يول، داۋان، تۇمان كۆپ كۆرۈلىدىغان خەتەرلىك يول بۆلەكلىرى ۋە ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان يول بۆلەكلىرىنى مەركەزلىك تەكشۈرۈش ۋە تۈزەش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى جامائەت بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەكشۈرۈپ، خېيىم-خەتەردىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چارلاش، قوغداش، چۆچۈتۈش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قورال-ياراغ، ئوق-دورا، باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق ئەسۋابلار، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ۋوگزالغا كىرىش، پويىزغا چىقىش، ئايروپىلانغا چىقىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى پائال ياخشى ئىشلەش كېرەك.



    جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، قاتناش تىرانسپورت قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، توسۇش ئىقتىدارىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە توسۇلۇش ئاسان يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق رايون، تۈگۈن يول بۆلەكلىرى، بېسىق ۋاقىتنى چۆرىدەپ، توسۇلۇش سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تەشكىللەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، راۋان سەپەرگە چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۆلكە چېگرىسىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يېڭى ئەھۋالىغا قارىتا، ئۆلكىلەر ئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئايرىش نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. «ئىككى قېتىم ئېلان قىلىش، بىر قېتىم ئەسكەرتىش» نى ئالدىن ياخشى ئىشلەپ، يول ئەھۋالى ئۇچۇرىنى ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى ئامال بار توسۇلۇپ قالغان يول بۆلەكلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، بېسىق مەزگىلدە، تۇمانلىق ھاۋا رايى ۋە قار-مۇز ھاۋارايىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىشنى ئازايتىپ، مۇۋاپىق يول يۈرۈش، مەدەنىي يول يۈرۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىپ يول يۈرۈش، بىخەتەر يول يۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

    جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇش يولىنى تېخىمۇ ئىللىتىشى، تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق قىلىشى كېرەك. كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئاپتوموبىل، نۇقتىلىق خادىملارنى چۆرىدەپ تۈرگە ئايرىپ ئاگاھلاندۇرۇش، ئەسكەرتىش، قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات-تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش، يانچۇقچىلىقتىن ساقلىنىش قاتارلىق ساۋاتلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىشتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە مۇلازىمەت نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ، يول كۆرسىتىش، ئىچىملىك سۇ، جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرى قاتارلىق خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىشىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. قانۇننى قاتتىق، قېلىپلاشقان، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىش، باشقۇرۇشتا مۇلازىمەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، قانۇن ئىجرا قىلىشتا مەدەنىي بولۇشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى يەتكۈزۈش كېرەك.


    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/VixzcMGRELZFDYcM-AbJ2Q



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى