• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كرىستىيانو رونالدو كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن كىنو ئىشلىگۈم بار، دېدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:29 02-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     
    پورتۇگالىيەلىك ئالدى ھۇجۇمچى پۇتبولچى كرىستىيانو رونالدو 28-دېكابىر دۇبەيدە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن كىنودا رول ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

      كېلەر يىلى 2-ئايدا كرىستىيانو رونالدو 35 ياشقا كىرىدۇ. ئۆزىنىڭ كوماندىدىن چېكىنىش پىلانىغا قارىتا ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەزەلدىن بىرەر ناچار مۇسابىقە پەسلىگە دۇچ كەلمىدىم، چۈنكى خىرىس ئالدىدا مەن دائىم ياخشى تەييارلىق قىلىمەن. بەدەن ئىنكاسىمنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغانلىقىنى ھېس قىلغان چېغىمدا، بۇ پۇتبول ئايىغىنى سېلىش ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ».

      كرىستىيانو رونالدو ئۆزىنىڭ كوماندىدىن چېكىنگەندىن كېيىن داۋاملىق ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى، بىر توپچىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك چېكىنىش يېشى 30 ياش ياكى 32 ياش ئىدى، ھازىر بەزى توپچىلار 40 ياشقىچە تېپىدۇ. مەن چېكىنگەندىن كېيىن ئۆگىنىش قىلماقچى، چۈنكى مېنىڭ ھازىرقى بىلىم زاپىسىم مەن دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە ھەر ۋاقىت جاۋاب بېرەلمەيدۇ».

      ئۇ: «ئۇنىڭدىن باشقا، مېنى ناھايىتى جەلپ قىلىدىغان بىر ئىش __ كىنودا رول ئېلىش»، دېدى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى