• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئالما يوچۇق بايقىغۇچىلارغا بېرىدىغان مۇكاپات پۇلىنى كۆپەيتتى

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:27 02-01-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئالما يېقىندا BUG (يوچۇق) مۇكاپاتلاش تۈرىنى كېڭەيتىش پىلانىنى جاكارلىدى، مۇكاپات تۈرى بارلىق بىخەتەرلىك تەتقىقات خادىملىرىغا ئېچىۋېتىلدى، يەنە ئالما قارمىقىدىكى يوچۇق بارلىقى دوكلات قىلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆلىمى كېڭەيتىلدى. بۇ يىل 8-ئايدا لاسۋىگاستا ئېچىلغان قارا قالپاقلىقلار بىخەتەرلىك يىغىنىدا، ئالما ئەمەلدارى BUG مۇكاپاتلاش تۈرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى، بىخەتەرلىك تەتقىقات مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئالما مەھسۇلاتىدا بايقالغان بىخەتەرلىك يوچۇقىنى دوكلات قىلىشىنى قارشى ئالبۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالما پەقەت تەكلىپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاللانغان بىخەتەرلىك تەتقىقات خادىملىرىنىلا BUG مۇكاپات بېرىش پىلانى بىلەن تەمىنلەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت iOS سىستېمىسىدىكى بىخەتەرلىك يوچۇقىنى قوبۇل قىلاتتى. بىراق يېڭى يىلدىن باشلاپ، ئالما بارلىق بىخەتەرلىك تەتقىقات خادىملىرىغا ئېچىۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇكاپات بېرىش پىلانىنىiPadOS ،macOS ،tvOS ،watchOS ۋە iCloudغىچە كېڭەيتتى.

    BUG مۇكاپات بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەندىن باشقا، ئالما يەنە مۇكاپات پۇلىنى كۆپەيتتى. BUG نىڭ خەتەرلىك دەرىجىسى ۋە مۇرەككەپلىكىگە ئاساساسەن، ئالما مۇكاپاتنىڭ يۇقىرى چېكىنى 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن بىر مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈردى. نۆۋەتتە يېڭى مۇكاپات بېرىش پىلانى كۈچكە ئىگە بولدى، قىزىقىدىغان تەتقىقاتچىلار ئالما تور بېتىگە كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئىگىلىسە بولىدۇ.

    بىراق ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئالما ئۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى بوسۇغا قويغان. ئالىي مۇكاپات تۈرى ۋە ھەر خىل مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار چوقۇم يوچۇق توغرىسىدا ئېنىق دوكلات تاپشۇرۇشى كېرەك، بۇلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

    ● دوكلات قىلىنغان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش.

    ● سىستېما تەسىرگە ئۇچرىغان ھالەتكە كىرىشنىڭ ھەرقانداق ئالدىنقى شەرتى ۋە قەدەم-باسقۇچلىرىنى چۈشەندۈرۈش.

    ● دوكلات قىلىنغان مەسىلىلەردىن مۇۋاپىق، ئىشەنچلىك پايدىلىنىش.

    ● ئالما يېتەرلىك ئۇچۇر ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ئەكس ئەتتۈرەلىشى كېرەك.ىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى