• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    2019-يىلى ئىستېمال تۇنجى قېتىم 40 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:23 02-01-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم يۈرۈشكەن، كۆلىمى مۇقىم كېڭەيگەن، مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن يىلدا ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم 40 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 41 تىرىليون 100مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئۇللۇق رولى يەنىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.

    2019-يىلى ئىستېمالنىڭ يېڭى ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى تېز تەرەققىي قىلدى. ئالدىنقى 11 ئايدا، مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى توققۇز تىرىليون 495 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 16.6 ئاشتى.
    مۇلازىمەت ئىستېمال ئېھتىياجى ئاشتى. ئالدىنقى 11 ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئېشىپ، تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سۈرئىتىدىن 1.5 پوئىنت يۇقىرى بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن ئاشتى.

    يېزا-كەنت ۋە ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ئالدىنقى 11 ئايدا، يېزا-كەنتلەردىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى شەھەر-بازارلارنىڭكىدىن 1.1 پوئىنت تېز بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئوتتۇرا ، غەربىي رايونلارنىڭ ئىستېمال ئېشىش سۈرئىتى شەرقىي رايونلارنىڭكىدىن تېز بولدى.

    ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورتى قىلىنىش سۈرئىتى تېز ئاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئىمپورت سوممىسى بىر تىرىليون 40 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى پارچە سېتىش ئىمپورت سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 30 تىن يۇقىرى بولدى


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى