• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قوشۇمچە خىزمەت قىلسا ئىدارىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەكمۇ؟

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 16:46 30-12-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «سەككىز سائەتتىن باشقا ۋاقىتتا قوشۇمچە خىزمەت قىلىش كېرەكمۇ يوق؟» دېگەن مەسىلە كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، بولۇپمۇ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈندىدار سودىسى قىلىش، توردا كېلىشىدىغان ماشىنىنىڭ شوپۇرى بولۇش، توردا ئوقۇتقۇچى بولۇش قاتارلىقلار كىشىلەر ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قىلىدىغان قوشۇمچە خىزمەتكە ئايلاندى. كەسپىي زاتلار بولسا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئەمگەكچىلەرنى ئىككىنچى خىزمەتنى تاللاپ ئىشلەشتە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشقا ئەسكەرتتى چۈنكى قوشۇمچە خىزمەت ئاساسلىق كەسىپ ۋە ئەمگەك خېيىم-خەتىرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    «ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش» ئىدارىنىڭ تۆۋەن چېكىگە خىلاپلىق قىلغانلىق

    ۋاڭ يۇڭخۇي بىلەن گو جىمىڭ شېنجېندىكى بىر پەن-تېخنىكا تەتقىقات شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. ۋاڭ يوڭخۈي پىروگراممېر، ھەر كۈنى باش چۆكۈرۈپ كود يازىدۇ. گو جىمىڭ سېتىش دېرىكتورى بولۇپ، دائىم كاماندىروپكىغا چىقىپ خېرىدار بىلەن كۆرۈشىدۇ. ۋاڭ يۇڭخۇينىڭ نەزىرىدە مىجەزى مۇلايىم گو جىمىڭ خىزمەت ئورنىغا ناھايىتى ئاز كېلىدۇ، باشقا خىزمەتداشلىرىغا ئوخشاش ھەر كۈنى خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ئويلىمايدۇ. بۇ خىزمەت گو جىمىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھېچقانداق بېسىم ھېسابلانمايدۇ. بىر قېتىملىق يىغىلىشتا، ۋاڭ يۇڭخۇي گو جىمىڭنىڭ مەخپىيىتىنى بىلىۋالىدۇ يەنى ئەسلىدە گو جىمىڭ سىرتتا بىر شىركەت ئاچقان بولۇپ، يىللىق كىرىمى بىر مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. گو جىمىڭنىڭ ۋاڭ يۇڭخۇيگە دېيىشىچە، ئۇنىڭ شەخسىي شىركىتىنىڭ كەسپىي دائىرىسى ھازىرقى خىزمەت ئورنى بىلەن ئوخشىمايدىكەن بىراق، بۇ شەخسىي شىركىتىنىڭ خېرىدارى ھەقىقەتەن ئىدارىسىنىڭ سېتىش خىزمىتىنى قىلغان مەزگىلدە تەدرىجىي يىغقان خېرىدارى ئىكەن. گو جىمىڭ سېتىش خىزمىتىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ زېھنىنى قوشۇمچە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتالىغان ئىكەن.

    ۋاڭ يۇڭخۇي:«بىزنىڭ ئىدارە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قوشۇمچە خىزمەت قىلىشىنى قوللىمىسىمۇ لېكىن گو جىمىڭنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى كۈچلۈك، شىركەتمۇ يۇقىرى ئۆرلەش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاچقا، ئادەتتە بۇنداق نەتىجىسى بار خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشاتمايدۇ» دەپ ئويلايدۇ. ۋاڭ يۇڭخۇي كېيىن گو جىمىڭنىڭ شەخسىي شىركىتىنىڭ بارلىقىنى ئەمەلىيەتتە ئىدارىدىكى باشقا خىزمەتداشلارنىڭمۇ بىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    نۇرغۇن شىركەت «خىزمەتچىلەر قوللانمىسى»نى تۈزگەندە، كۆپىنچە خىزمەتچىلەرنىڭ قوشۇمچە خىزمەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، خىزمەتچىلەرنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ھەرىكىتىگە نىسبەتەن كارخانا تەرەپنىڭ مەجبۇرىي چەكلەش كۈچى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىكەن. كارخانا ئادەم كۈچى بايلىقى خادىملىرىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە،ئۇلارنىڭ خادىملىرىنىڭ قوشۇمچە خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللىماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ كارخانا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشى ۋە ئومۇمىي بايلىقنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

    پروگرامما تۈزگۈچى جياڭ ۋېيسۇڭنىڭ شېنجېندىكى بىر ئالاقە تورى شىركىتىگە ئىشقا چۈشكىنىگە بىر يىل بولمىغانىدى. بىر كۈنى، شىركەتنىڭ بىر مەھسۇلات دىرېكتورى ئۇنى باشقا بىر نەچچە خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە ساغلاملىق تۈرىدىكى يۇمشاق دېتالنى ئېچىشقا چاقىردى، ھەمدە ئۇلارغا: مەھسۇلات تېخى دەسلەپكى مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن بولغاچقا، ئېچىش جەريانى چوقۇم مەخپىي بولۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئەمما، ئېچىش خىزمىتى تېخى يېرىملاشماي تۇرۇپلا، بۇ مەھسۇلات دىرېكتورىنى شىركەت چېكىنىشكە ئۈندىدى. جياڭ ۋېيسۇڭ ئۆزى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ مەھسۇلات دىرېكتورى قوبۇل قىلغان شەخسىي ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن. تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچىلارنىڭ ئادىمى يېتىشمىگەچكە، بۇ مەھسۇلات دىرېكتور مۇشۇ ئامالنى ئىشلەتكەنىكەن. جياڭ ۋېيسۇڭ مۇنداق دەيدۇ: مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا ئادەم كۈچى بايلىقى كېرەك بولۇپلا قالماي، يەنە شىركەتنىڭ مۇلازىمىتېرىنى، شىركەتنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە بىر قىسىم قاتتىق دېتال بايلىقىنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇ مەھسۇلات دىرېكتورىنىڭ بۇ خىل «ھۆكۈمەت سايمانلىرىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قىلمىشى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تۆۋەن چېكىگە خىلاپلىق قىلغانلىق.»

    «ئەمگەك توختامى قانۇنى» بويىچە ئەمگەكچى باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەنمۇ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىۋېلىپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزسە ياكى شۇ ئادەم خاتالىقىنى تۈزىتىشىنى رەت قىلسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

    ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قوشۇمچە خىزمەت قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس. ئۇنداقتا، ئەگەر قوشۇمچە خىزمەت ئۈستىدە يارىلانسا قانداق قىلىش كېرەك؟

    يەن پېڭفېي جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى خەيشۇ رايونىدىكى مەلۇم دېڭىز مەھسۇلاتلىرى رېستورانىنىڭ خىزمەتچىسى. بۇ رېستوران ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن باشلاپ، بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغان. بۇلتۇر 5-ئايدا، يەن پېڭفېي ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قوشۇمچە خىزمەت تېپىپ، بىر ھامبۇرگ بولكىسى دۇكىنى بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، ھەر كۈنى ئۈچ سائەت خىزمەت قىلىشنى پۈتۈشكەن. ئويلىمىغان يەردىن بۇلتۇر 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، يەن پېڭفېي ھامبۇرگ بولكىسى دۇكىنىدا خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ كېتىپ يارىلىنىپ، سول پاقالچاق ۋە يان پاقالچاق سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا، كىم قوشۇمچە خىزمەت سەۋەبىدىن يارىلانغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىنى يولغا قويۇشقا دائىر بىر قانچە بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر (پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى كەسىپكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا ئورۇنلاشسا، ھەر قايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىشچى-خىزمەتچى ئىشتا يارىلانسا، خىزمەتچى زەخىملەنگەندە خىزمەت قىلغان ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

    ھازىرقى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە ئىشلەيدىغان خادىمى ئۈچۈن مەجبۇرىي تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا يەنى بىردىنبىر كۆپ خىل ئەمگەك مۇناسىۋىتى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى كەسىپكارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كۆپ قېتىم تاپشۇرىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ مەقسىتى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچى ئىشلىتىش خەۋپ-خەتىرىنى ئەڭ زوردەرىجىدە تارقاقلاشتۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش. مۇخبىرنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئىگىلىشىچە، ئەمگەك قېتىم سانى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئورۇن مۇقىم بولمىغانلىقىدىن، مۇزىكا ئالاھىدىلىكى بار ئادەملەرنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئالاھىدە ئۇزۇن سىنىپقا يېتەكچىلىك قىلىشى، پروگرامما تۈزگۈچىنىڭ ئىشتىن سىرتقى يۇمشاق دېتال لايىھەلىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تور تاكسىسى ھەيدىشى قاتارلىق قوشۇمچە ھەرىكىتىگە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەر ئۈچۈن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تاپشۇرىدىكەن.

    شەنشى شۆگاۋ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ليۇجىڭ مۇنداق دەيدۇ: «قوشۇمچە ئەمگەكنىڭ ئەڭ چوڭ خەتىرى يەنىلا قوشۇمچە ئەمگەكچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئاسانلا دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراپ، ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشى قىيىن بولۇشتۇر. چۈنكى ئىككىنچى قېتىملىق خىزمەتنىڭ كۆپ قىسمى ئەمگەك توختامى مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن، ئەمگەكچى ناچار ئورۇندا تۇرىدۇ.

    ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئەمگەكچىلەرگە قارىتا، غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن داشۆسى ئىقتىسادىي قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ساۋ يەن مۇنداق دەپ قارىدى: « قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەندىكى ئەمگەك مۇناسىۋىتى تۇراقسىز ھالەتتە بولغاچقا، ماجىرا كۆرۈلگەن ھامان، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخى ئاشىدۇ.»

    ئادۋوكات ليۇ جىڭ مۇنداق دېدى: ھازىرقى خىزمەت ۋەزىپىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان قوشۇمچە خىزمەتنى قىلغاندا، ئەسلىدىكى ئورۇننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، بولۇپمۇ پاتېنت بىلىملىرى، سودا مەخپىيىتى، كەسىپداشلار رىقابىتى، خېرىدارلار بايلىقىغا چېتىلىدىغان ۋاقىتتا لايىقىدا بولۇشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىپ، ئەسلىدىكى ئورۇن بىلەن قانۇن ماجىراسى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خادىملار ئەڭ ياخشىسى ئەسلىدىكى ئورۇننىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەشكە ماقۇل بولىدىغان تەستىقنى ئېلىشى،قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئاپپارات بىلەن ئەمگەك توختامى ياكى كېلىشىمى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، مەسىلەن، دۆلەت مەمۇرلىرى، مۇھىم پەن تەتقىقات تۈرى خادىملىرى قاتارلىق زاتلارنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    بېيجىڭ شەھىرى داۋچېڭ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى شيې يەنپىڭ «ئەمگەكچىنىڭ قوشۇمچە خىزمىتى ئۆز خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزگەندە، قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈمى بويىچە ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ» دەپ قارىدى. ئۇنداقتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قائىدە-تۈزۈم تۈزىگەندە، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىسا بولامدۇ؟

    شيې يەنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلمىغان قوشۇمچە ۋەزىپىنى ئۆتىگەندە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشنى ئاسانلىقچە پۈتۈشۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئەمگەكچىلەر ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلانسا، ئورۇن پەقەت ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى بەلگىلىيەلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى قائىدە-تۈزۈم شەكلىدە باشقۇرسا بولمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەمگەك قانۇنىنى تەتبىقلاش دائىرىسى كارخانا، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچىلەردۇر. قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىگەندە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كارخانا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەمگەك-مۇلازىمەت مۇناسىۋىتىگە تەۋە بولۇپ، ئەمگەك قانۇنى تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ. شيې يەنپىڭ ئەمگەكچىلەرگە بىخەتەرلىك مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى، مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، خەۋپ-خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئەسكەرتتى.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى