• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچى2019-يىللىق قار-مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 16:38 30-12-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ ۋەندې خەۋىرى، فوتوسى): 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، 2019-يىللىق ئۈرۈمچى قار-مۇز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە مارافونچە يۈگۈرۈش، يېرىم مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش، 10 كىلومېتىرلىق مۇساپىگە يۈگۈرۈش، ئائىلىۋى يۈگۈرۈشتىن ئىبارەت تۆت تۈر بار بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 4452 كىشى تەنھەرىكەتنىڭ ئۆزگىچە خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى قار-مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، قار-مۇز ساياھىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ ۋە موللاشتۇرۇپ،قاتنىشىشچانلىقى، ھېس قىلىشچانلىقى كۈچلۈك، ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر يۈرۈش قار-مۇز ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ قار-مۇز ساياھىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قار-مۇز ساياھىتى ماركىسىنىڭ داڭقىنى ئاشۇردى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى