• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    رەڭ ھەققىدىكى قىزىقارلىق بىلىملەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:08 27-12-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئۆتكەندە توردا قىزىق سۆز تېمىسى بولۇپ كەتكەن كۆڭلەك يادىڭىزدىمۇ؟ بەزىلەر ئۇنى ئاق ۋە سېرىق رەڭلىك كۆڭلەك دېسە، يەنە بەزىلەر قارا ۋە كۆك رەڭلىك كۆڭلەك دېيىشتى. نېمە ئۈچۈن كىشىلەرگە كۆرۈنگەن رەڭ ئوخشاش بولمايدۇ؟ رەڭ ئادەتتە كۆز بىلەن يورۇقلۇقنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ چوڭ مېڭىدىكى ئىنكاسىدۇر، تۆۋەندە بىز رەڭگە مۇناسىۋەتلىك بەزى قىزىقارلىق بىلىملەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

      كۆز قانداق ئالداندى؟

      بۇ كۆڭلەكنىڭ رەڭگى توغرىسىدا توردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئادەم ئاق ۋە سېرىق رەڭنى تاللىغان. ئۇنداقتا كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ تاللىشى بۇ كۆڭلەكنىڭ ئەسلىي رەڭگىگە ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ ياق ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، چۈنكى بۇ كۆڭلەكنىڭ ئەسلىي رەڭگى قارا ۋە كۆك رەڭدۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر سىزگە كۆرۈنگىنى قارا ۋە كۆك رەڭ بولسا، ئۇنداقتا بۇ كۆرۈش تور پەردىڭىزدىكى كۆرۈش پىرامىدا ھۈجەيرىسىنىڭ خېلى يۇقىرى رەڭ سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ كۆزىڭىزنىڭ ئەسلىي رەڭلەرنى كۆرۈشكە كاشىلا پەيدا قىلىدىغان بىر قىسىم قوشۇمچە رەڭلەرنى ئۆزلۈكىدىن چىقىرىپ تاشلىيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىزگە كۆرۈنگىنى ئاق ۋە سېرىق رەڭ بولسا، ئۇنداقتا بۇ كۆزىڭىزنىڭ ئاجىز يورۇقلۇق شارائىتىدا رەڭ سېزىمىدە چەتنەش يۈز بېرىپ، رەڭلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا ئۇ كۆڭلەك سىزگە سېرىق رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

      قىزىل رەڭنىڭ ئەر - ئاياللارغا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمايدۇ

      پەلتۇنىڭ چىلان رەڭلىكىنى تاللامسىز ياكى خىش قىزىلى رەڭلىكىنى تاللامسىز؟ لەۋ سۇرۇخنىڭ توق قىزىلىنى تاللامسىز ياكى تۇتۇقراق قىزىلىنى تاللامسىز؟ دېگەندەك مەسىلىلەردە ئەرلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئەرلەرنىڭ كۆزلىرى بۇ خىل رەڭلەرنى پەرقلەندۈرەلمەسلىكى مۇمكىن. ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار X خىروموسوما )بويالغۇچى تەنچە(غا جايلاشقان ھەم يورۇقلۇق سىپېكتىرىدىكى قىزىل رەڭنى پەرقلەندۈرۈشكە ئاساسلىق مەسئۇل بىر خىل گېننى بايقىغان، بۇ گېن بەزىدە يېشىل رەڭنى سەزگۈچى قوشنا گېنلار بىلەن ئامىنو كىسلاتاسىنى ئالماشتۇرىدىكەن. ئادەتتە ئاياللارنىڭ ھەر بىر تەن ھۈجەيرىسىدە بىر جۈپ، ئەرلەرنىڭ ھەر بىر تەن ھۈجەيرىسىدە بىر دانە X خىروموسوما بولغاچقا، ئاياللارنىڭ رەڭ سېزىمى ئەرلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك بولىدىكەن.

      نېمە ئۈچۈن كىشىلەر كۆك رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ؟

      رەڭ ھەققىدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلەر ھەر خىل رەڭلەر ئىچىدە كۆك رەڭنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىكەن، ئەستايىدىل كۆزىتىدىغان بولساق نۇرغۇن پەن - تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بەلگىلىرى كۆك رەڭدە، ئۇنىڭدىن قالسا قىزىل رەڭدە ئىكەنلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ. ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەر خىل رەڭ ۋە يورۇقلۇقلارنى كۆرگەندىن كېيىنكى روھىي كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق كۆك رەڭنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان ھاياتىي كۈچى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.

      سېرىق رەڭ ھەم ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ھەم ئىشتىھانى تۇتىدۇ

      قىزىل، سېرىق ۋە قىزغۇچ سېرىق قاتارلىق ئوچۇق رەڭلەر قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۆلگەي كۆپەيتىپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ. ئوخشاشلا سېرىق رەڭ يەنە بەزىدە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتىپ قۇسقۇسىنى كەلتۈرىدۇ. پاراخوت ۋە ئايروپىلان بۆلمىسى قاتارلىق تەۋرىنىپ تۇرىدىغان ئورۇنلار ئەگەر سېرىق رەڭلىك ماتېرىياللار بىلەن بېزەلسە، رەڭلەرنىڭ يورۇق - قاراڭغۇلۇقى ياكى قېنىق - سۇسلۇقىدا ئازراقلا ئۆزگىرىش يۈز بەرسە يولۇچىلاردا ئاسانلا باش قېيىش يۈز بېرىدۇ.

      ئالەمنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق رەڭ

      ئالەم دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا پايانسىز كەتكەن قاراڭغۇلۇق نامايان بولىدۇ، ئەمما ئالەمنىڭ رەڭگى قارا بولمايدۇ. ئالىملار يۇلتۇزلاردىن كەلگەن يورۇقلۇق سىپېكتىرلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئالەمنىڭ رەڭگىنى تېپىپ چىققان. ھازىر مەلۇم بولغان 002 مىڭ يۇلتۇز سىستېمىسىنىڭ ماتېرىياللىرىدىن ھېسابلاپ چىقىرىلغان ئوتتۇرىچە قىممەتكە ئاساسلانغاندا، ئالەم تەخمىنەن سۇس سېرىق رەڭدە بولىدىكەن.

      ماشىنىلارنىڭ بىخەتەر رەڭگى

      ماشىنىلارنىڭ رەڭگى بىلەن يۈرۈش بىخەتەرلىكى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ماشىنا رەڭلىرى ئىچىدە ئاق رەڭ ۋە كۈمۈش رەڭ ماشىنىلارنىڭ ۋەقە سادىر قىلىش نىسبىتى تۆۋەنرەك، قارا رەڭلىك ماشىنىلارنىڭ يۇقىرىراق بولىدىكەن، يەنى كىشىلەر سۇس رەڭلىك ماشىنىلارنى ئاسان پەرقلەندۈرىدىكەن. بىر كۈننىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە ئوخشاش بولمىغان ھاۋارايى شارائىتىدا ئاق رەڭلىك ۋە كۈمۈش رەڭلىك ماشىنىلارنى پەرقلەندۈرۈش ئاسانراق بولۇپ، تېخىمۇ بىخەتەرلىككە ئىگە بولىدىكەن.

      سېلىشتۇرمىسى روشەن، بىراق ئەستە تۇتۇشقا پايدىسىز رەڭلەر

      ئاق رەڭ بارلىق نۇرلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە كىرىشىدىن، قارا رەڭ نۇرلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىگە كىرەلمەسلىكىدىن پەيدا بولىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى خىل رەڭنىڭ سېلىشتۇرمىسى ناھايىتى روشەن بولسىمۇ، ئەستە تۇتۇشقا پايدىسىز بولىدىكەن. پىسخولوگلارنىڭ بايقىشىچە، باشقا رەڭلىك مەنزىرىلەرگە سېلىشتۇرغاندا رەڭسىز كىنولاردىكى مەنزىرىلەرنى ۋە ئاق قەغەزگە يېزىلغان قارا خەتلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئەستە ساقلاش تەس بولىدىكەن. چۈنكى ئۇچۇرلارنى ئەستە ساقلاش چوڭ مېڭە نېرۋا مەركىزىنىڭ ئەستە ساقلاش نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ئۇرۇلۇشىغا تايىنىدىكەن، رەڭلىك ئۇچۇرلارنىڭ ساقلاش نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ئۇرۇلۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى