• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كۆز تېگى كېسەللىكى ئېغىرلاشقاندا، كۆز ئەما بولۇپ قالىدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:01 27-12-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئادەتتە دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت، بۆرەك كېسىلى ۋە نېرۋا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار دائىم كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ كۆز تېگىنى تەكشۈرتىدۇ، شەندۇڭ ئۆلكىلىك كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆز تېگى سۈرىتىدىن ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرىگە ھەمدە ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە مېڭە سىستېما كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويغىلى بولىدىكەن، ئالاھىدە بىمارلار ھەمدە كۆزى بىئارام بولغان بىمارلارنىڭ كۆز تېگىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، كۆز تېگى كۆرۈش تور پەردىسى، كۆز ئاستى قان تومۇرى، كۆرۈش نېرۋىسى توپچىسى، كۆرۈش نېرۋا تالاسى، كۆرۈش تور پەردىسىدىكى سېرىق داغ قىسمى ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئارقىسىدىكى تومۇرلۇق پەردە قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ كۆز تېگى كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدىكەن. كۆز تېگىدىكى سۈرەتلەردىن ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرى ۋە ئىچكى كېسەللىكلەر ھەمدە مېڭە سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن: كۆرۈش نېرۋىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى، كۆرۈش تور پەردىسى قان تومۇرى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، سېرىق داغ كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالى، يۇقىرى قان بېسىمى ئارتېرىيە قېتىشىش، دىيابېت كېسىلى كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى، بۆرەك كېسىلى، قان كېسىلى، باش سۆڭىكى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار.

      كۆز تېگىنى تەكشۈرۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆز تېگىدىكى كۆرۈش تور پەردىسى قان تومۇرى ئادەم بەدىنىدىكى بىردىنبىر كۆرگىلى بولىدىغان قان تومۇر بولۇپ، دوختۇر ئۇنى باشقا ئەزالارنىڭ قان تومۇر ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغان كۆزنەك دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى بەزى ئەزالارنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ كۆز تېگىدىن كۆرۈش تور پەردىسى ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىنى كۆرگىلى بولىدۇ، دىيابېت بىمارلىرىنىڭ كۆز تېگىدىن كىچىك قاناش نۇقتىلىرى ۋە سىرغىما ماددىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ پۈتۈن بەدەندىكى قان تومۇرلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. دوختۇر بۇنىڭغا ئاساسەن كېسەلنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى تەھلىل قىلىدۇ ياكى ھۆكۈم قىلىدۇ.

      دوختۇرلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كۆز تېگى كېسىلىنىڭ زىيىنى ئاساسلىقى كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئەما بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا كۆز بىئارام بولغان ھامان، دەرھال مۇنتىزىم كەسپىي دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى