• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كىملىكنى باشقىلارغا بېرىپ تورغانننىڭ ئاقىۋىتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:30 27-12-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    لۈ خانىم يېقىندا ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلارغا ئۈچۈردى ، 9 - ئاينىڭ ئاخىرى جىفۇباۋ شىركىتى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ ،ئۇنىڭ جىفۇباۋغا قايتۇردىغان 300مىڭ يۈەن قەرزى بارلىقىنى ھازىر قەرەلى ئۆتۈپ كەتسىمۇ قايتۇرمىغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ھېسابات نومۇرىدىكى پۇلنى بىۋاسىتە تۇتۇپ قېلىپ ۋاكالىتەن قەرز قايتۇردىلىدىغانلىقىنى ئۇختۇرۇش قىلدى . ئۇ ھازىر ناھايىتى ھەيران قالدى ، ئۈ ئۈزىنىڭ باشقا بىر ھىسابات نۇمۇرى بارلىقىنى بىلمەيتى


    ئۇ خېرىدارلار مۇلازىمەت خادىملىرى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كىيىن ، خېرىدارلار مۇلازىمەت خادىمى لۈ خانىمنىڭ نامىدا ھازىر ئىككى ھېسابات بارلىقىنى ئىيىتقان ، بۇ قەرىز دەل يەنە بىر لۇ خانىم بىلمەيدىغان ھېسابات نومۇرىدىن قەرىز ئىلىنغان ، بۇ ھېسابات نومۇرى171دىن باشلىنىدىغان تىلفۇن نۇمۇرى ئارقىلىق رويخەتكە ئېلىنغان ، ئەينى چاغدا ئىسپاتلانغىنى لۈ خانىمنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى ئىدى . بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ، لۈ خانىم ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق نۇمۇرى ئىشلەتمىگەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ نامىدا يەنە بىر ھېسابات نومۇرىنى رويخەتكە ئالدۇرغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . تىجارەت زالىدىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، بۇ نومۇرنىڭ ئىگىسى لۈ فامىلىلىك بولۇپ ئىكىنلىكىنى ،يەنى لۈ خانىمنىڭ يۇرتىدىكى بىر نەۋرە ئاكىسى ئىكەنلىكى ئاشكارلانغان

    ساقچى تەرەپ لۇ خانىمنىڭ نەۋرە ئاكىسى لۇ فامىلىلىكنى چاقىرتقاندىن كېيىن ، ئۇ ئىشنىڭ باش - ئايىغىنى ئىقرار قىلغان . 2012 - يىلىنىڭ بېشىدا لۇ فامىللىك تاۋباۋ دۇكىنىنىڭ تىجارىتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى بىر جەمەت سىڭلىسى لۇ خانىم بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئۇنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ بىر يېڭى دۇكان ئاچماقچى بولغانلىقىنى ، لۈ خانىمنىڭ شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۈزىگە سۈرەتكە تارتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى . نەۋرەئاكىسىدىيىشكىنى بۇيىنچە ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى بىلەن بىر دۇكاننى رويخەتكە ئالدۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ جىفۇباۋدا يەنە بىر يېڭى ھېسابات نومۇرىنى يەنى 300مىڭ يۈەن قەرىز ئالغان ھىسابات نۇمۇرى ئەنگە ئالدۇردى ،لىكىن بۇ ھىسابات نۇرى توغرىسىدا ئۇ نەۋرە سىڭلىسىغا ھىچنىمە ئېيتمىدى . 2018 - يىلىغا بارغاندا ، دۇكاندا مەبلەغ جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلۈپ ، نورمال تىجارەت قىلىش تەس بولدى ، ئۇ لۈ خانىمغا ئۇقتۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، بۇ ھىسابات نۇمۇرىدا كۆپ قېتىم تور قەرز مۇلازىمىتىدىن 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇل ئېلىپ ، ئاساسلىقى شەخسىي تۇرمۇشىنى قامداشقا ئىشلەتتى

    ھازىر لۈ x x قەرز پۇل ئالدامچىلىقى جىنايىتى بىلەن گۇلۇ رايونى ساقچىخانىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلدى ، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە . ساقچى تەرەپ مۇنىلارنى ئەسكەرتتى : « قەرزدىن ساقلىنىش » تىن ئىبارەت بۇ خىل خەۋپ - خەتەرنى توسۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ياخشى قوغداپ ، زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ، مۇناسىۋىتى ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە سۈرىتىنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بەرمەسلىك كىرەك


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى