• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئادەم قارا ئۆڭكۈرگە چۈشۈپ كەتسە چوقۇم ئۆلۈپ كېتەمدۇ ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:23 27-12-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    قارا ئۆڭكۈر كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى ئاسمان جىسمى ، ھازىر كۆزىتىش ئارقىلىق قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاندى . سامانيولى سىستېمىمىزنىڭ دەل مەركىزىدە ، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 25 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمى a نىڭ ئورنىدا ماسسىسى قۇياش سېتىمىسىدىن ئون مىڭ ھەسسە كېلىدىغان قارا ئۆڭكۈر بايقالغان

    قارا ئۆڭكۈر چوڭ ماسسىلىق تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ ، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بارلىق يېقىلغۇلار كۆيۈپ تۈگىگەندىن كېيىن ، ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇزنىڭ پارتلىشى ئارقىلىق ، ئېشىپ قالغان ئىچكى يادرو ماسسىسى ، ئىخچاملاش ۋە بېسىشنىڭ تارتىش كۈچىگە قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ دە شۇنىڭ بىلەن قارا ئۆڭكۈر شەكىللىنىدۇ .

    بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى بوشلۇقنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە فىزىكىدىكى « بۆلۈش » بار ، بۇ « بۆلۈش » « كۆرۈش دائىرىسى » دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ « كۆرۈش دائىرىسى » نىڭ سىرتىدا نۇر قېچىپ كېتەلەيدىغان دائىرە بار . « كۆرۈش دائىرىسى » ئىچىنى بىز كۆزىتەلمەيمىز ، شۇڭا ئۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيمىز .

    شۇڭا « كۆرۈش دائىرىسى » بىر ئەمەلىي گەۋدە ئەمەس ، ئۇ يورۇقلۇقمۇ قېچىپ قۇتۇلالايمايدىغان بوشلۇق رايونىدۇر . ئادەتتە ، بىز « كۆرۈش دائىرىسى » نىڭ دائىرىسىنى قارا ئۆڭكۈر دائىرىسى دەپ ئاتايمىز

    قارا ئۆڭكۈر ئەمەلىيەتتە ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ ، ئايلانمايدىغان زەرەتسىز قارا ئۆڭكۈر ، ئايلىنىدىغان زەرەتسىز قارا ئۆڭكۈر ،ئايلىنىدىغان زەرەتلىك قارا ئۆڭكۈر ، زەرەتلىك . نۆۋەتتە كۆزىتىلگەن قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ھەممىسى ئايلىنىدىغان بولۇپ ، نەزەرىيە جەھەتتىن ھەممىسىدە زەرەت بار . شۇڭا قاتتىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر خىل قارا ئۆڭكۈر ھەقىقىي مەۋجۇت ، ئالدىنقى ئىككى خىلى پەقەت ھېسابلاش فورمۇلىسى جەھەتتە مەۋجۇت

    قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى ھېسابلاش فورمۇلاسىدا كۆرۈش دائىرىسى بىلەن قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ . ئەمما ئالەملىك تارتىشىش كۈچى فورمۇلاسىدا تارتىشىش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن كۋادراتى تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ

    بۇ كۆرۈش دائىرىسىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەگەر قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى 1 بولسا ، ماس كۆرۈش دائىرىسى 1 بولىدۇ ، كۆرۈش دائىرىسىنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تېزلىنىشى G بولىدۇ ؛ ئۇنداقتا قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى 2 گە ئايلانغاندا ، ماس كېلىدىغان كۆرۈش دائىرىسى 2 بولىدۇ ، بۇ چاغدىكى كۆرۈش دائىرىسى گىرۋىكىدىكى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تېزلىنىشى 2 / G غا ئۆزگىرىدۇ

    يۇقىرىدىكى ئاددىي ھېسابلاش ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى ، قارا ئۆڭكۈر ماسسىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، كۆرۈش دائىرىسىنىڭ چېتىدىكى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تېزلىنىشى تېز سۈرئەتتە ئازىيىدۇ


    شۇڭا ، قارا ئۆڭكۈر قانچە كىچىك بولسا شۇنچە خەتەرلىك ، قانچە چوڭ بولسا شۇنچە بىخەتەر بولىدۇ

    ئەگەر قارا ئۆڭكۈرنىڭ ماسسىسى 1 تىرىليون 500 مىليارد قۇياش ماسسىسىغا يەتسە ، ئۇنداقتا قارا ئۆڭكۈرنىڭ « كۆرۈش دائىرىسى » نىڭ « كۆرۈش دائىرىسى » 0.5 يورۇقلۇق يىلىغا يېتىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا كۆرۈش دائىرىسى ئەتراپىدىكى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تېزلىنىشى يەر شارى يۈزىدىكى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تېزلىنىشىگە تەڭ بولىدۇ . بۇنداق قارا ئۆڭكۈرگە بىخەتەر يېقىنلاشقىلى بولىدۇ .

    كىچىك قارا ئۆڭكۈرنىڭ تاشقى كۈچى ئادەم بەدىنىنى سۇب ئاتوملۇق زەررىچىگە ئايلاندۇرالايدۇ ، لېكىن دىيامېتىرى نۇر يىلى بولغان چوڭ قارا ئۆڭكۈر بىزنىڭ ئۇچار كېمىمىزنى بىخەتەر ھالدا « كۆرۈش دائىرىسى » غا ئېلىپ بارالايدۇ

    ئەگەر بىز يورۇقلۇق تېزلىكى 1 / 2 بولغان ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ، دىئامېتىرى 1 يورۇقلۇق يىلىدىكى قارا ئۆڭكۈرگە قاراپ ئۇچساق . ئۇنداقتا ، بۇ جەرياندا بىز نېمىنى كۆرەلەيمىز ؟

    ئاخىرى بار ؟



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى