• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قولغا ئېلىنغان ئەر ئۇنىڭ «قىز دوستى» بولۇپ چىقتى

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 18:21 27-12-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    24 ياشلىق لى فامىلىلىك ئەر يۇمشاق دېتالدا گۈزەل قىز قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئۆزىگە مۇھەببەت تەكلىپى قويغان بىر ئەرنى ئالدىغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئالدانغانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان، كىيىن لى فامىلىلىك شۈجۇ ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان، تاراتقۇلارمۇ مەزكۇر دېلو توغۇرلۇق خەۋەر بەرگەن.

    يېقىندا، شۈجۇدىكى بىر ئەر توردا تۇيۇقسىز بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ لى فامىلىلىكنىڭ دەل «ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان قىز دوستى» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ھەمدە دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلدى. لى فامىلىلىك ھېلىقى ئەر بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ، 450 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن، دېلو بېجىرگۈچى ساقچى قاماقخانىدىكى لى فامىلىلىكنى سوراق قىلغاندا لى فامىلىلىك دەلىل-ئىسپات ئالدىدا جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.

    خەۋەر كۆرۈپ «ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان قىز دوستى»نىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىش

    جاڭ ئەپەندى شۈجۇدا تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ، يېقىندا توردىكى مەلۇم تور ئالدامچىلىقىغا ئائىت خەۋەر ئۇنى ھەيران قالدۇردى، خەۋەردە بىر گۇماندارنىڭ قىز قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالىدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن باشقىلارنى قاقتى-سوقتا قىلغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، بۇ چاغدا، جاڭ ئەپەندى گۇماندارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابات نومۇرىغا قاراپ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. «مياۋ مياۋ» بۇ دەل ئۇنىڭ «ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان قىز دوستى»غۇ!


    ئەسلىدە جاڭ ئەپەندى 2015-يىلىلا يۇمشاق دېتالدا «مياۋ مياۋ» بىلەن تونۇشقان ھەمدە ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ «بۇ تورداش چىرايلىق بولۇپلا قالماي، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى بىلىدىكەن» دەپ ئويلىغان ئىدى. ئۇلار بىر مەزگىل ئالاقىلىشىپ «مياۋ مياۋ» تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاڭ ئەپەندىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلدى. ئىككىيلەن ناھايىتى تېزلا بىر-بىرىنى «يولدىشىم»، «ئايالىم» دەپ ئاتاشتى. جاڭ ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «مياۋ مياۋ» ئادەتتە پاراڭلاشقاندا تولىمۇ مۇلايىم بولۇپ، ماڭا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى».

    جاڭ ئەپەندى ئۆزىنى «مۇھەببەت قاينىمى»غا پېتىپ قالغاندەك ھېس قىلدى، بۇ مەزگىلدە جاڭ ئەپەندى «مياۋ مياۋ» بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن قارشى تەرەپ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى قاچۇردى. جاڭ ئەپەندى تىت-تىت بولغاندا، «مياۋ مياۋ» يەنە بىر قېتىم جاڭ ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتا كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە ئۇچراپ، تەسىرى يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى. «مياۋ مياۋ»نىڭ «ئازاب ھىيلىسى» يەنە بىر قېتىم ئۈنۈم بەردى. جاڭ ئەپەندى كەينى-كەينىدىن ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل يۆتكەپ بېرىپلا قالماي ئاخىرقى قېتىم يەنە ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن بىر قېتىمدىلا نەچچە ئون مىڭ يۈەن يۆتكەپ بەردى.

    جاڭ ئەپەندىنىڭ «مياۋ مياۋ»غا كەينى-كەينىدىن يۆتكەپ بەرگەن پۇلىنىڭ سانى جەمئىي 450 يۈەنگە يەتتى، بۇ چاغدا ئۇ «قىز دوستى»نىڭ ئۆزىگە پەرۋا قىلمايۋاتقىنىنى بايقىدى-دە، ئۇنى «بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغانمىدۇ» دەپ ئەنسىرىدى. ئۇ خەۋەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنى كېچە-كۈندۈز سېغىندۇرغان «مياۋ مياۋ»نىڭ ئەسلىدە 24 ياشلىق ئەر ئىكەنلىكىنى بايقاپ جان ئاچچىقىدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلدى.

    جىنايەت گۇماندارى ئامالسىز جىنايىتىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، بىرىنچى سوتتا ئۇنىڭغا ئون يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

    مۇخبىرنىڭ شۈجوۋدىكى چۈەنشەن ساقچىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى، ساقچىلار سىچۈەنلىك ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالىدا ئۆزىنى «مياۋ مياۋ» دەپ ئاتىۋالغان بىر توردىشى ئۇنىڭ 55 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن ئىكەن. ساقچىلار مۇنداق دېدى: ۋاڭ فامىلىلىك شۈجۇدىكى بىر شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق «مياۋ مياۋ» بىلەن تونۇشقان، «مياۋ مياۋ» ۋاڭ فامىلىلىككە قىزغىن مۇئامىلە قىلغان، ئۇلار كۆپ قېتىم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ۋاڭ فامىلىلىك كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. «مياۋ مياۋ» ئۇنىڭغا «بىخەتەرلىك كاپالەت پۇلى» تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقاندا ۋاڭ فامىلىلىك ئۇنىڭغا بىرقانچە قېتىم پۇل ئۇرۇپ بەرگەن. «مياۋ مياۋ» بىخەتەر ئەمەس، ئەسكى ئادەملەرگە ئۇچراپ قىلىشتىن قورقىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ ۋاڭ فامىلىلىكنى ياتاقتا بىر كېچە ساقلاتقان. كېيىن ۋاڭ فامىلىلىكمۇ جاڭ ئەپەندىگە ئوخشاش «ئازاب ھىيلىسى»گە ئالدانغان. «مياۋ مياۋ» ئۆزىنىڭ نائىلاج تەسىرى يامان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ھەدەپ ۋاڭ فامىلىلىكنى ئالداپ پۇل يۆتكەتكەن، ئاخىرىدا ھوشىنى تاپقان ۋاڭ فامىلىلىك ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

    ۋاڭ فامىلىلىك تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، شۈجۇ چۈەنشەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دۈەنجۇاڭ ساقچىخانىسى دېلونى دەرھال تەكشۈرۈپ، تېزلا گۇماندارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغان. ۋاڭ فامىلىلىك بىلەن جاڭ ئەپەندىنى كېچە-كۈندۈز سېغىندۇرغان «مياۋ مياۋ»، ئەمەلىيەتتە 24 ياشلىق ئىشسىز ئەر ئىدى. ساقچى تەرەپ تېزلا شۈجۇدىكى بىر تورخانىدا لى فامىلىلىكنى قولغا چۈشۈردى، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ جاڭ ئەپەندى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، جاڭ ئەپەندى «قىز دوستۇم بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى» دەپ ئويلىغانىدى.

    لى فامىلىلىك سوتتا توردىكى گۈزەل قىزنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، «قىز» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، دوست تۇتۇش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلغانلىقى، ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ 55 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى. لېكىن جاڭ ئەپەندىنىڭمۇ 450 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئىلىۋالغىنىنى ئىقرار قىلمىدى.

    جاڭ ئەپەندى تەمىنلىگەن ئەھۋالغا ئاساسەن، دېلو بېجىرگۈچى ساقچى لى فامىلىلىكنى سوراق قىلدى، نۇرغۇن دەلىل-ئىسپات ئالدىدا لى فامىلىلىك جىنايىتىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

    يېقىندا شۈجۇ چۈەنشەن سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا سوت ئاچتى. لى فامىلىلىك ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن 1-سوتتا مۇددەتلىك ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جاڭ ئەپەندىنىڭ ئالداپ كېتىلگەن 450 مىڭ يۈەن پۇلى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىلدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى