• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    تېسلا ئىشلىتىش ئۆمرى بىر مىليون مىلغا يېتىدىغان ئاپتوموبىل باتارېيەسى ياساپ چىقتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:09 24-09-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تېسلا بىلەن ھەمكارلىق تۈزگەن دالخوس داشۆسى باتارېيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىدا ئېيتىلىشىچە ئۇلار تەتقىق قىلغان يېڭى تىپتىكى لىتىي باتارېيە توكلۇق ئاپتوموبىلنى بىر مىليون مىل (بىر مىليون 600 مىڭ كىلومېتىر)دىن كۆپرەك ماڭغۇزالايدىكەن. تېسلا كەينىدىنلا يېڭى تىپتىكى باتارېيە پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلغان. بۇ ئېلون ماسك دېگەن مىليون مىللىق باتارېيەنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    ماسك ئىلگىرى ۋەدە بېرىپ شىركەتنىڭ تېزلا ئۆمرى بىر مىليون مىلغا يېتىدىغان باتارېيە ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ نۆۋەتتىكى مۆلچەردىن ئىككى ھەسسە كۆپرەك بولۇپ ئەڭ يېڭى تەتقىقات ئۇنىڭ پو ئاتمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بەردى.

    بۇ تەتقىقاتنى دۇنيادىكى لىتىي باتارېيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بىرى، فىزىكاشۇناس جېف دان رەھبەرلىك قىلغان دالخوس گۇرۇپپىسى تاماملىغان. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ئۇلار تەتقىق قىلىپ چىققان باتارېيە شوپۇرسىز تاكسى ۋە ئۇزۇن يوللۇق توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلىغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدىكەن. دان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىلمىي ماقالىدە :«بىز مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلىدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلىكتىر قۇتۇبى تەركىبى، ئېلىكتىر قۇتۇبى يۈكى، ئېلىكترولىت تەركىبى، ئىشلەتكەن خۇرۇچلار بار. بۇنداق قىلىشمىز باشقىلارنى بۇنداق باتارېيەنى قايتىدىن ياساپ چىقىپ بۇنى خىزمەتكە ئىشلىتىشنى ئۆلچەم قىلغان.

    توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدە باتارېيەنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى ناھايىتى مەخپىي ساقلىنىدۇ. بىراق داننىڭ تەتقىقات ئەترىتى نېمىشقا بۇنداق ئىلغار باتارېيە رېتسىپىنى ئاشكارىلايدۇ؟ دان ئەترىتىدىكى بىر ئەزانىڭ ئېيتىشىچە بەلكىم تېسلا ئاللىبۇرۇن بۇ باتارېيەنىڭ پاتېنتىغا ئېرىشىپ بولغان، ئىقتىدارىمۇ ئىلمىي ماقالىدە ئېيتىلغاندىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تېسلا بىر لىتىي باتارېيە پاتېنتىغا ئېرىشكەن بولۇپ ئىلمىي ماقالىدە ئېيتىلغان لىتىي باتارېيە بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كەتكەن. دان بۇنىڭ ئىجادچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى