• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئالى بابا شىركىتى چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ %33 پېيىنى قايتۇرۇۋالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:02 24-09-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۈگۈن ئالى بابا شىركىتى چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ %33 پېيىنى قايتۇرۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالى بابا بىلەن چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسى 2018-يىلىلا بۇ سودىنى ئاشكارىلىغان. بۇندىن بۇرۇن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا ئالى بابا بىر بالا شىركىتى ئارقىلىق چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ بۇ پايلىرىنى تۇتۇپ تۇرغان.


    بۇ سودا ئىككى تەرەپ 2014-يىلى ئىمزالىغان كېلىشىمنى ئاساس قىلغان. پايچېكلەرنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 2014-يىلى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسى ھەر يىلى ئالى باباغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تېخنىكا مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرىدىغان، سوممىسى چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ باجدىن بۇرۇنقى پايدىسىنىڭ %37.5گە تەڭ بولىدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شارائىت يار بەرسە ئالى بابانىڭ چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ سېتىۋېلىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسىگە يۆتكەپ بېرىش ھوقۇقى بار ئىكەن. چۈمۈلە پۇل مۇئامىلىسىنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئالىپاي، يۈئېباۋ، تور سودا بانكىسى، چۈمۈلە خۇابېي، كۈنجۈت ئىناۋىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر ۋە كەسپلەر بار.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى