• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەڭ قىممەت ئامېرىكا تىياتىرى «ھۆكۈمران ئۈزۈك»نىڭ بىرىنچى بۆلۈمى 20 قىسىم بولۇشى مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:01 24-09-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئامازون شىركىتى ئىشلىگەن، جەمئىي بىر مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان تارىختىكى ئەڭ قىممەت ئامېرىكا تىياتىرى «ھۆكۈمران ئۈزۈك» نىڭ ئىشلىنىشكە باشلىغانلىق خەۋىرى يېقىندا ئاشكارىلاندى، بۇ تىياتىرنى سۈرەتكە ئېلىش ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بولمىغاچقا، بىرىنچى بۆلۈمى 20 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىنكەن، لېكىن ئورگان تەرەپ بۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. تولجىن تەتقىقاتچىسى Tom Shippeyيېقىندا چەت ئەل تاراتقۇسى CinemaBlend نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامازون شىركىتى ئىشلىمەكچى بولغان «ھۆكۈمران ئۈزۈك» نىڭ 1ـ بۆلۈمى 20 قىسىمغا يېتىدۇ دەپ خەۋەر بەرگەن. ئۇ: «سۈرەتكە ئېلىش ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئەمەس، بەلكى سۈرەتكە ئېلىش ئورنىغا قارىتىلىپ بېكىتىلگەن. ئېنىق سۈرەتكە ئېلىش ئورنى ئەلۋەتتە ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، بىر قانچىسى بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە بىرىنچى بۆلۈم 20 قىسىم بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇلار فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نەتىجىسىنى بەلگىلەشتىن بۇرۇن، سۈرەتكە تارتىشنى باشلىمايدۇ، پەقەت فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، ھەر قايسى سۈرەتكە ئېلىش ئورۇنلىرىدا سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىدۇ. بىرىنچى بۆلۈمنىڭ 20 قىسىم بولۇشى، ئامازونىڭ باشقا تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ھەجىمى ۋە مىقدار جەھەتتىن ھەقىقەتەن بەك كۆپ، ئەمما بۇنى ئورگان تەرەپ تېخى جەزملەشتۈرمىدى.» دېدى.

    ئامازون ئىشلىمەكچى بولغان «ھۆكۈمران ئۈزۈك» نىڭ ھېكايىسى نورمانۋېل «努曼诺尔岛» ئارىلىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، «ھۆكۈمران ئۈزۈك» نىڭ ھېكايىسى بۇ ئارالدىكى بىر بىر چۈشكۈن مەدەنىيەتتىن باشلاپ سۆزلىنىدۇ، بۇ ئارالدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئاستا-ئاستا ئىلۇۋېتاغا چوقۇنۇشنى توختاتقان ھەمدە ئىككىلەمچى شاھ مىللىتىگە قارشى تۇرۇشقا باشلىغاندا، نورمانۋېل ئارىلىدىكى دېندالاردا بۆلۈنۈش پەيدا بولىدۇ. بۇمۇ ئەڭ ئاخىرىدا نورمانۋېل ئارىلىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە كۆپ قىسىم دېندانلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمانۋېل ئارىلىنىڭ خەرىتىدە پەيدا بولۇشى بەلكىم مەستانىلەرنىڭ تىياتىردا بىر قىسىم دېندانلىقلارنىڭ ئۆتكەن ئىشلىرىنى كۆرۈشى مۇمكىنچىلىكىدىن بېشارەت بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامازوننىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى نۇسخىسىدىكى «ھۆكۈمران ئۈزۈك» 2020ـ يىلىدىن باشلاپ سۈرەتكە ئېلىنىدىغان بولۇپ، جەمئىي بەش بۆلۈم، جەمئىي 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنىدىكەن، بۇ كىنو نۇسخىسىدىكى ئۈچ بۆلۈم فىلىمگە سېلىنغان مەبلەغدىن ئېشىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھوقۇق ئويۇنى «权力的游戏» (ھەر بىر قىسمىغا 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان)نىمۇ مەغلۇپ قىلىپ، تارىختىكى ئەڭ قىممەت ئامېرىكا تىياتىرى بولۇپ قالدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى