• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بەشىنچى ئايلانما: بارسېلونا vs ۋىللارېئال مۇسابىقىسىگە نەزەر

    مەنبە : www.nur.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 18:44 24-09-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالتىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە نوكەمپو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بارسېلونا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ۋىللارېئال كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئۆز-ئارا رىقابەتلەشكەن 10 مەيدان مۇسابىقىسىدە بارسېلونا كوماندىسى يەتتە مەيدان غەلبە قىلىپ، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ قالدى، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئوينىغان بىر مەيدان مۇسابىقىسى 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بولۇپ، ۋىللارېئال كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 4:4 نەتىجىدە بارسېلونا كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان، يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان بارسېلونانىڭ مېھمان مەيداندىكى نەتىجىسى دېگەندەك ياخشى ئەمەس بولۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزلىرىدىن بىر جۇغلانما نومۇرغا ئارتۇق ئېرىشكەن ۋىللارېئال كوماندىسى بىلەن ساھىبخان مەيداندا ئۇچرىشىدۇ، ئۇنداقتا بارسېلونا بىر مەيدان غەلبە بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىيالامدۇ؟

    مۇسابىقە خاراكتېرى: 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالتىنچى ئايلانمىسى

    مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 3:00

    مۇسابىقە ئورنى: نوكەمپو توپ مەيدانى

    كۆرۈش نۇقتىسى 1: بارسېلونانىڭ ئىپادىسى قالتىس، ئوسمان دېمبېلېنىڭ يارىسى ساقايدى

    بارسېلونا بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايلانمىسىدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىش ۋە ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇمۇ بارسېلوناغا ئوخشاش داڭلىق كوماندىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ناچار نەتىجە ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ مېھمان مەيداندىكى نەتىجىسى تېخىمۇ ناچار بولدى، لېكىن بارسېلونانىڭ ساھىبخان مەيداندىكى نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئىككى مەيدان غەلبە دەل ساھىبخان مەيداندا بارلىققا كەلگەن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ساھىبخان مەيدانغا قايتقان بارسېلونا ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈلەمدۇ؟ بۇمۇ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

    كوماندا سەپ شەكلىدىن قارىغاندا راكىتىچ تىزىملىككە تاللانمىدى، ئوسمان دېمبېلېنىڭ يارىسى ساقايدى، دېمبېلې يارىلانغان مەزگىلدە بارسېلونا ياش ماھىر فاتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، فاتىنىڭ ئىپادىسىمۇ ھەممىنى رازى قىلدى، بۇنداق ئەھۋالدا ئوسمان دېمبېلې ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ، ئۆزىگە تېگىشلىك ئورۇننى قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەك، ئۇنداقتا يارىسى ساقايغان دېمبېلېنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا قانداق ئىپادىسىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

    كۆرۈش نۇقتىسى 2: دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان مېسسى زاپاس ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چۈشۈشى مۇمكىن

    يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇيان مېسسى يارىلىنىش سەۋەپلىك ساھىبخان مەيداندىكى بارلىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالمىدى، يارىسى ساقايغان مېسسى مېھمان مەيداندىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى بەلكىم ساھىبخان مەيداندىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىشى مۇمكىن، بۈگۈن سەھەردىكى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش مۇراسىمىدا مېسسى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى، ئەمما مېسسى مۇكاپاتلاش نەق مەيدانىغا بارغان مېسسى مۇراسىمدىن كېيىنلا ئالدىراپ قايتىپ، بارسېلونانىڭ كوماندا مەشىقىگە تەييارلىق قىلىشنى باشلىدى، بۇمۇ مېسسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ چوڭايدى.


    كۆرۈش نۇقتىسى 3: ۋىللارېئالنىڭ ئىپادىسى قالتىس، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى رىقابەت ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

    ۋىللارېئال بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئالدىنقى بەش ئايلانمىسىدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىش ۋە بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىگە ئېرىشتى، ئالدىنقى ئۈچ ئايلانما ئىپادىسى ياخشى بولمىغان ۋىللارېئال ئىككى مەيدان تەڭلىشىش ۋە بىر مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىگە ئېرىشكەن، مۇداپىئە سېپىنىڭ ئىپادىسىمۇ ناچار بولۇپ، ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە يەتتە توپ كەتكۈزدى، ئەمما كېيىنكى مۇسابىقىلەردە مۇداپىئە سېپىنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتكەن ۋىللارېئال، ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە بىرمۇ توپ كەتكۈزمەي غەلبە قىلالىدى، يېقىنقى ئىپادىسى قالتىس بولۇۋاتقان ۋىللارېئال، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىغان بارسېلونا بىلەن ئۇچراشتى، كوماندا ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلىشتەك يۇقىرى جەڭگىۋارلىقى بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلەمدۇ؟ مېھمان مەيداندا بارسېلوناغا ئاۋارىچىلىق تاپالامدۇ؟


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى