• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلىرى رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:42 24-09-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    نوپۇزلۇق سانلىق مەلۇمات تور بېكىتى «clubworldranking» ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، بۇ قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلار رەت تەرتىپىدە گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كۇلۇبى 26-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان، شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇبى 28-ئورۇنغا تىزىلغان، ئالدىنقى ئورۇندا بارسېلونا يەنىلا سەركىلىك ئورۇندا تۇرغان. ئارسېنال كۇلۇبى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن.

    ئەڭ يېڭى قارارلىق دۇنيا كۇلۇبلار رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندىن 10-ئورۇنغىچە تىزىلغان ئالدىنقى 10 كۇلۇب بولسا: بارسېلونا، دەريا قىنى، مانچېستېر شەھىرى، لىۋېرپول، ۋالېنسىيە، بوكا ياشلار، پالمېيراس، خانلىق مادرىد، پارانائېنسې ئاتلېتكا، ئارسېنال

    ئاسىيا قىتئەسى بويىچە رەت تەرتىپ جەھەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشمىسىدىن رىياد يېڭى ئاي كۇلۇبى 20-ئورۇنغا تىزىلىپ، ئاسىيا قىتئەسى بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسى ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، شاڭخەي شاڭگاڭ كۇلۇبى ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

    جۇڭگو پۇتبول كۇلۇبلىرى ئىچىدە دۇنيا كۇلۇبلىرى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە كىرگەن يۇقارقىدىن باشقا يەنە شەندوڭ لۇنېڭ تەيشەن ۋە بېيجىڭ جوڭخې گوئەن كۇلۇبلىرىمۇ بار بولۇپ، شەندوڭ لۇنېڭ 44-ئورۇنغا، بېيجىڭ گوئەن 48-ئورۇنغا تىزىلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى