• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    50 مىڭ يۈەنگىلا بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدىغان دۆلەت

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:18 24-09-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھازىر كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ياشلارنىڭ بېسىمى يەنىلا ئېغىر، ئۇلار دۇچ كېلىدىغان نەرسىلەر بەكلا كۆپ، مەسىلەن: ئۆي، ماشىنا، ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن باشقا، بالىلىق بولغاندىن كېيىنكى بالا بېقىش مەسىلىسى دېگەندەك. بۈگۈن كۆپچىلىككە ياشلارنىڭ قىلچە بېسىمى يوق، دۇنيادىكى مال باھاسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن، بۇ دۆلەتتە 50 مىڭ يۈەنگىلا بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

    بۇ دۆلەت دەل گىرۇزىيە بولۇپ، مېنىڭچە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ ئىنتايىن كىچىك دۆلەت. بىخەتەرلىك جەھەتتە داڭقى بار. ئۇنىڭ يەر مەيدانى پەقەت 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، نوپۇسى تۆت مىليونغىمۇ يەتمەيدۇ.

    ئەمەلىيەتتە بۇ جاي كۆپچىلىكنىڭ ساياھەت قىلىشىدىكى ياخشى تاللىشى بولالايدۇ، بۇ يەردە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان قۇرۇلۇش-ئىمارەتلەر ھەم ئىنتايىن ئىچىشلىك قىزىل ھاراق بولغاندىن سىرت، يەنە 100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى بار. يەنە ھەر خىل مەنزىرىلىك چىرايلىق قۇرۇلۇشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنىڭ مال باھاسى ھەقىقەتەن ئەرزان بولۇپ، بىر چوڭ مېھمانساراينىڭ بىر كېچىلىكىگە نەچچە يۈز يۈەنلا كېتىدۇ.

    بۇ يەردىكى تاكسىلارنىڭ ھەممىسى بېنىز ماركىلىق بولۇپ، گەرچە بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ باھاسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، نىمكەش ئاپتوموبىل بولسىمۇ، يەنىلا قالتىس ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەتتىكى بىردىنبىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇكى، بۇ جايدىكى جۇڭگوچە تاماقخانىلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمۇ پەرقلەنگەچكە، ساياھەتكە بارغانلار يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئاسان ماسلىشالمايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى