• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    شارپنىڭ ئەڭ يېڭى يانفونى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:25 19-09-2019
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    Letsgodigitalنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شارپنىڭ ئېكرانىغا تۆشۈك ئېچىپ كامېرا ئورناتقان ئەڭ يېڭى يانفونىغا ئائىت لايىھە پاتنېتى يىقىندا ئاشكارىلاندى، سۈرەتتىن يانفوننىڭ ئۈچ تەرەپ رامكىسىنىڭ ئىنتايىن تار چىقىرىلغانلىقى، ئەمما ئاستى تەرىپىنىڭ سەل كەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    پاتنېت ماتىرىيالى ۋە Letsgodigital تەمىنلىگەن لايىھە سۈرىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شارپنىڭ بۇ يېڭى يانفونى خېلى كۆركەم، تۆت گىرۋىكى يۇمىلاق ۋە سىلىق؛ ئالدى تەرىپىدىن قارىغاندا، ئوڭ، سول ۋە ئۈستى ئۈچ تەرەپنىڭ رامكىسى ئىنتايىن تار، ئەمما ئاستى تەرىپى سەل كەڭ. ئالدى كامېرا ئېكراننىڭ ئۈستى تەرەپ دەل ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، كەينىدە قوش كامېرا بار، دائىم ئىشلىتىدىغان كۇنۇپكىلار يانفوننىڭ يان تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ 3.5mmلىك تىڭشىغۇچ تۆشۈكى ۋە USB-C زەرەتلەش تۆشۈكى بار.

    شارپنىڭ ياۋروپادا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يانفونى Aquos R3، بۇ بىر ئۆزگىچە خاسلىقتا لايىھەلەنگەن يانفون، ئۈستى ۋە ئاستى تەرىپىدە بىردىن «ماڭلاي» بار، ياۋروپادىكى باھاسى 730 ياۋو (تەخمىنەن 5715 يۈەن).



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى